UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركىسسىلار

كىسسىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كىسسىلار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <كىكىلار>، <گېلار>، <ئاسېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىسسى ئاھالىسىنىڭ 9.72 پىرسەنتى گۋىنىيىدە، 8.18 پىرسەنتى سېررالىئوندا، بىر قىسمى لىبېرىيدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 25 مىڭ. كىسسىلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن تېمنې، بۇلوم، لىمبا ۋە كىسسىلارغا بۆلۈنىدۇ. كىسسىلار ماندىنگو ۋە كرۇك مىللەتلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى بىلەن پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. كىسسىلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىلى گۇرۇپپىسغا تەۋە كىسسى تىلىنى قوللىنىدۇ. كىسسىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئەجدادلىرىغا چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. كىسسى ئاھالىلىرى دېھقانچلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچلىقتا شال، باتات، بانان، قەھۋە، خاسىڭ، پالما، ئاپېلىسىن، كاكائو قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. كىسسىلار باناننى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ، ھەر يىلى بانان پىشقان مەزگىلدە، دېھقانلار ئۆيىدە قازان ئاسماي ئۈچ ۋاخ بانان يەيدۇ. كىسسىلارنىڭ ماي بىلەن پۇشۇرۇلغان بانان چەلپىكى ئەزىز مېھمانلىرىنى كۈتۈۋالىدىغان ئەڭ مىزىلىك غىزاسى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
كىسسىلار | UyghurWiki | UyghurWiki