UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرگۇركالار

گۇركالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر گۇركالار نېپال پادىشاھلىقىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، بەزىدە <نېپاللىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گۇركالارنىڭ 3.83 پىرسەنتىنى نېپالنىڭ گۇركا، پالپا ۋە كاتماندۇ قىيپاش ئويمانلىقىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 10 مىليون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇندىن باشقا، ھىندىستان تەۋەسىدە 1 مىليون 300 مىڭدىن كۆپرەك گۇركال تارقاق ئولتۇراقلاشقان. گۇركالار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ بىراق، ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تىپىمۇ ئارىلاشقان. گۇركالار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گۇرك (نېپال) تىلىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل نېپال دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئىنگىلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ، سانسىكىرىت يېزىقىنى قوللىنىدۇ، گۇركالارنىڭ تىل - يېزىقى ھىندىستان كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئالاقىلىشىش داۋامىدا شەكىللەنگەن.گۇركالار ئاساسەن ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گۇركالارنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قالغانلىرى چارۋىچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، بۇغداي، تېرىق، ئارپا ۋە پۇرچاق تېرىلىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن سېرىق كەندىر، شېكەر قومۇچى، تاماكا ۋە كۈنجۈت قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. گۇركالار تەخمىنەن Ⅹ
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر