ئىنگلىزلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىنگلىزلار ئەنگىلىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى <بۈيۈك بېرىتانىيىلىكلەر> دەپ ئاتايدۇ. ئاھالىسى ئاساسەن ئىنگلاند بىلەن ئۇئېلىس (ۋېلىس) تا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 47 مىليون 450 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 83 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىنگىلىزلارنىڭ ئاز قىسمى شوتلاندىيىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىي ئىرلاندىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئىرلاندىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي ئافرىقا (1 مىليون 550 مىڭ)، ئاۋىسترالىيە (830 مىڭ)، كانادا (650 مىڭ)، ئامېرىكا (620 مىڭ)، يېڭى زېلاندىيە، ھىندىستان قاتارلىق ھەر قايسى ئەللەردىمۇ تەخمىنەن 4 مىليون 750 مىڭدىن كۆپرەك ئىنگلىز تارقاق ئولتۇراقلاشقان.ئىنگلىزلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تىل تارمىقىغا تەۋە ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.ئىنگلىزلارنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە، ئاز قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئىنگلىزلار دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي، بولۇپمۇ سانائىتى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان، يېزا نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنىلا ئىگىلەيدۇ، يېزا ئىگىلىكىمۇ چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسەن كالا، چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ.
ئىنگىلىزلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسەن بېرتانىيە ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەڭ دەسلەپكى ئاھالە - ئىبېرىلار، گېرمان قەبلىلىرىدىن برېتونلار، ئەنگلولار، ساكسۇنلار ھەمدە بۇ ئارالغا كېيىن كەلگەن دانلار (دانىيىلىكلەر)، نورمانلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت پەيدىنپەي قوشۇلۇشى بىلەن، ئاخىرى ⅩⅥ ئەسىردە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئىنگلىزلار يېمەكلىك بىلەن كىيىم - كېچەككە بەكمۇ ئىنچىكىلەپ كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، ئادەتتە كۈنىگە تۆت ۋاخ غىزالىنىدۇ، ئەتىگەندە بولكا، پېچىنە - پىرەنىك، سۈت ياكى قەھۋە ئىچىپ ناشتا قىلىدۇ، چۈشلۈك ۋە كەچلىك غىزاسى ياڭيۇ، كۆكتات بىلەن گۆش شىرنىسى، سۈرلەنگەن بېلىق، كاۋاپ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىنگلىزلار ئادەتتە پىۋا، چاي ۋە باشقا ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق كېيىم - كېچەك جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئادىتى بىر قەدەر رەتلىك كېلىدۇ.
ئىنگلىزلار بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ - ئائىلە تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، قىز - يىگتلەرنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ ئۆي ئوچاقلىق بولۇشىغا يول قويىدۇ، توي مەرىكىسىنى ئاددىي ئۆتكۈزىدۇ، ئومۇمەن يىگىت قىزنىڭ ھۇجرسىنى بېزەش ۋە تويلۇق ئۈزۈك تەييارلاشنىلا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، قىز مېلىنى قىز تەرەپ تەييارلايدۇ.
ئىنگلىزلار ئومۇمەن مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، مۇسىبەت كۈنى ھەددىدىن زىيادە ھەسرەت چېكىشنى يامان كۆرىدۇ.
ئىنگىلىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېڭى يىل، روژېستۋو، پاسخا قاتارلىق بايراملىرىنى داغدۇغلىق ئۆتكۈزىدۇ.
ئىنگلىزلارنىڭ ئەرلىرى جىمغۇر، كەم سۆز كېلىدۇ، ئاياللىرى تەمكىن، سالاپەتلىك كېلىدۇ، ئۇلار ئومۇمەن تۇرمۇشتا <ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي> دېگەن سۆزگە بەكمۇ ئەمەل قىلىدۇ، بۇنى ئىنگلىزلارنىڭ تۇرمۇش دەستۇرى دېيىشكە بولىدۇ.
ئىنگلىزلار قائىدە - يوسۇنغا بەكمۇ ئېسىلىۋالمايدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، ياۋروپا مىللەتلىرىدەك بىر - بىرىنى سۆيۈپ قويۇش، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش، ھەتتا ققول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئادەتلىرىمۇ كەم ئۇچرايدۇ، شۇنداقتىمۇ قائىدە - يوسۇنغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا پەس ئاۋاز بىلەن سۆزلىشىدۇ.
ئىنگلىزدا ئاياللارنى ھۈرمەتلەش، ھەممە جايدا ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان.
ئىنگلىزلار باشقىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا دائىر ئىشلارنى، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ ئىش ھەققى، ئاياللارنىڭ يېشىنى سوراشنى يامان كۆرىدۇ؛ كوللىكتىپ سورۇنلاردا ئۆزئارا پىچىرلىشىشنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارايدۇ. ئىنگىلىزلار ئادەم بېشىنى تاۋار ماركىسى قىلىشنى مەنئىي قىلىدۇ، خان جەمەتىنىڭ ئائىلە ئىشلىرى توغرىسىدا چاقچاق پاراڭ قىلىشنى يامان كۆرىدۇ. ئىنگلىزلار گۈل - گېياھ ۋە ئۇچار قاناتلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئەتىرگۈلنى تىنچلىق، دوستلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، قىزىلتۆش بۇلبۇل ۋە كەپتەرنىمۇ ئەتىۋارلاپ ئۇنى <دۆلەت قۇشى> دەپ ھېسابلايدۇ، شۇڭا ئەنگلىيە دۆلەت قانۇنىدىمۇ قۇشلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈش جىنايەت ھېسابلىنىپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ، ھەتتا سوتقا تارتىلىدۇ، شۇڭا، كەپتەر قاتارلىق ئۇچار قۇشلار شەھەرنىڭ كوچا - رەستىلىرىدە توپ - توپ بولۇپ ياشاۋېرىدۇ.
ئىنگلىزلار ئىلىم - پەن، مەدەنىيىتى ۋە ئىگلىكى راۋاج تاپقان مىللەت بولۇپ، يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇلاردىن كۆپلىگەن ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرلار، كەشپىياتچى - ئالىملار، شائىر - ئەدىبلەر مەيدانغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەشپىياتى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن جاھان ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.
ئىنگلىزلاردا قەدىمدىن تارتىپ قىزىل رەڭنى ئۇلۇغلاش، ھۈرمەتلەش ھەمدە ئۇنى پادىشاھ شانۇ - شەۋكىتىنىڭ سىمۋولى دەپ قاراش ئادىتى بار.
قىزىل رەڭلىك كىيىم كېيىش ئەنگىلىيىنىڭ پادىشاھىنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ قالماسىتن بەلكى ھەر قېتىمقى كاتتا مۇراسىم - سورۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن قىزىل رەڭ بىلەن بېزىلىدۇ؛ خان جەمەتى ھۈرمەت قاراۋوللىرىمۇ قىزىل فورما كېيىدۇ.
ئىنگلىزلار ئاق رەڭنى مېھىر - مۇھەببەت بىلەن بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە چوقۇنىدۇ، شۇ سەۋەپتىن، ئىنگلىز قىزلىرى توي مەرىكە كۈنى ئاق كۆڭلەك، ئاق يوپكا كېيىپ، بېشىغا ئاق گۈل تاقاپ، قولىدا ئاق ياغلىق، ئاق گۈل كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.
ئىنگلىزلار <13> رەقەمنى بىتەلەي رەقەم دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. ئىنگلىزلار كىشلەرنىڭ رەسىمىنى سودا ماركىسى ياكى بېزەك ئورنىدا ئىشلەتمەيدۇ. 5 - ئايدا تويو - تۆكۈن قىلمايدۇ.
ئىنگلىزلارنىڭ يېڭى يىل ھارپا كېچىسى تۈن يېرىمىدىن كېيىن ئۆيىگە تۇنجى قەدەم بېسىپ كىرگەن ئادەمگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، ناۋادا تۇنجى بولۇپ قەدەم باشقان كىشى شاد - خۇرام، دۆلەتمەن ئادەم بولسا، ئۆي ئىگىسى يىڭى بىر يىلدا ئامەتلىك، خاسىيەتلىك بولىدۇ؛ ئەگەر تۇنجى قەدەم بېسىپ كىرگەن كىشى نامرات، بىتەلەي بولسا، ئۆي ئىگىسنى يېڭى بىر يىلدا نەس بېسىپ، غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەمدە ئۆيىگە كەلگەن مېھماننىڭ ئىسىم - فامىلىسىنىڭ باش ھەرىپىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.ئىنگلىزلار ئىسىم ۋە فامىلە قوللىنىدۇ، ئىسمى ئالدىدا، فامىلىسى كەينىدە كېلىدۇ، ئاتا - بوۋىسىدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىرلا فامىلىنى قوللىنىدۇ، بىراق ئىسمى ئىككى - ياكى ئۈچ، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ بۆلەكلىك بولىدۇ.
ئىنگلىزلاردا قىزلار ياتلىق بولغىچە ئۆزىنىڭ ئىسىم - فامىلىسنى قوللىنىدۇ، ياتىلىق بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ.
ئومۇمەن ئىنگىلىزلاردا ئىسىم مەلۇم مەنە بېرىدۇ.
ئىنگلىزلار كىشلەرنى ئېغىزاكى ئاتاشتا ئادەتتە فامىلىسىنى قوشۇپ ئاتايدۇ. رەسمىي سورۇنلاردا نامىنى تولۇق ئاتايدۇ، يېقىن كىشلىرى ۋە قان - قېرىنداشلار ئارا ئۆز ئىسمىنى ئاتىغاندىن باشقا ئەركىلەتمە نامى بىلەن دىنىي نامىنىمۇ قوللىنىدۇ، ئىنگلىزلاردا ئۇزۇن ئىسمنى يېزىق ياكى ئېغىزاكى قىسقارتىپ يېزىشقا، ئاتاشقا بولىدۇ، لېكىن فامىلىسنى قىسقارتىپ يېزىشقا بولمايدۇ.