تىسۋانالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تىسۋانالار جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار <باتسىۋانالار>، <بىجۋاننالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 1.77 پىرسەنتى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە (2 مىليون 330 مىڭ)، 9.20 پىرسەنتى بوتسىۋانادا (600 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ قالغانلىرى زىمبابۋې (60 مىڭ) ۋە نامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليون 730 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
تىسۋانالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىىپغا كىرىدۇ، تىسۋانالار سوتوم مىللىتىنىڭ غەربىي تارمىقىغا تەۋە مىللەت بولۇپ، ئۇلار خۇرۇتسې، كاتلار، رولوڭ، تىلاپىك، تلوكۋا، تاۋانا قاتارلىق يەتتە تارماققا بۆلۈنىدۇ. تىسۋانا تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتى بىلەن سۆزلىشىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
تىسۋانالار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى شەرقىي جەنۇبىي بانتۇ تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە تىسۋانا تىلىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار.
ئاھالىلىرى ئاساسەن چارۋىچىلىق، قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا كالا، قوي بېقىلىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
تىسۋانالارنىڭ ئەجدادلىرى تەخمىنەن ⅩⅢ - ⅩⅥ ئەسىرلەردە شەرقىي ئافرىقىنىڭ چوڭ كۆل رايونىدىن جەنۇبقا كۆچۈپ كەلگەن بانتۇلىقلارنىڭ بىر تارمىقى ئىدى.
ھازىر تىسۋانالارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى ئۆزگىرىپ، پەيدىنپەي غەربلىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە.
تىسۋانالار ئۆزگىچە توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئۇزىتىش ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئىگە مىللەت.
تىسۋانالاردا پەرزەنتىلىرى بويىغا يەتكەندىن كېيىن، يىگىت تەرەپنىڭ ئاتا - ئانىلىرى قىز تەرەپكە بېرىپ قىز سورايدۇ، قىز تەرەپ رازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئائىلە كېڭەشمە يىغىنى چاقىرىپ پىكىر ئالىدۇ، ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئىختىلاپ بولمىسا، يىگىت بىلەن قىز ئەركىن مۇھەببەتلىشىشكە باشلايدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە تويلۇق ئاپىرىدۇ، تويلۇق مېلى ئىچىدە كالا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ چوقۇم ئىككى تۇياق كالا بېرىش شەرت قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار جۈپ ساننى بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ئەگەر يىگىت تەرەپنىڭ قول ئىلكىدە بولمىسا ئىككى تۇياق قوي بەرسىمۇ بولىدۇ. تويلۇق مېلى قىز تەرەپكە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، قىز يىگىت تەرەپكە كۆچۈپ كېلىپ بىرگە بولۇشقا باشلايدۇ، ئادەتتە يىگىت بىلەن قىز بىر ياكى ئىككى بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ، رەسمىي ئەر - خوتۇن ھېسابلىنىدۇ. تىسۋانالارنىڭ بەزى قەبىلە - قوۋملىرى ئىچىدە، دەريا - كۆللەرگە چۈشۈپ يۇيۇنۇش داۋامىدا لايىق تاللاش ئادىتى بار، قىز بويىغا يەتكەندە، ئانىسى بىلەن دەريا - كۆل بويىغا بېرىپ بويىنى سۇغا سالىدۇ. بۇ چاغدا يىگىت بىر جايغا يوشۇرۇنۇپ ئۆزىگە لايىق تاللايدۇ. ھەمدە يىگىت قىز بىلەن ئۇچرىشىپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ، قىز ماقۇل بولغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ،قىزنىڭ ئانىىسى بىر تۇياق موزاينى يېتىلەپ، يىگىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، يىگىتنىڭ ئاتىسى بىلەن قۇدىلىشىش ئۈستىدە مەسلىھەت قىلىشىدۇ.
تىسۋانالاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ - ئائىلە تۈزۈمى خېلىلا ئەۋج ئالغان، بولۇپمۇ قەبىلە ئاقساقاللىرى ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ.
تىسۋانالاردا بويىغا يەتكەنلەر ياكى چوڭ كىشلەر ئۈچۈنلا رەسمىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ؛ بويىغا يەتمىگەنلەر ياكى كىچىك بالىلار قازا قىلسا ھېچقانداق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيدۇ، بۇنداق مېيتنى ئاتا - ئانىلىرى شۇ كۈنى ھويلا ئىچىگە ئورەك قېزىپ دەپنە قىلىدۇ، ھەرگىز سىرتقا چىقارمايدۇ، قەبرىمۇ قاتۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇلار نارسىدە بالىلارنىڭ جەسىتى قورودىن سىرتقا چىقىپ كەتسە، ھايات قالغانلارغا بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ.تىسۋانالاردا بويىغا يەتكەنلەر، چوڭلار قازا قىلغان كۈنى بىر تۇياق كالىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تېرىسى بىلەن مېيتنى مەھكەم ئوراپ دەپنە سارىيىغا ئاپىرىپ قويىدۇ، مەرھۇمنىڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى جەم بولغاندىن كېيىن، يىراق جايغا ئاپىرىپ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ ۋە قەبرە بېشىنى تۈزلىۋېتىدۇ، ھېچقانداق بەلگە قالدۇرمايدۇ، دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزمەيدۇ.
تىسۋانالارنىڭ شەھەردىكىلىرى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، ئۇلار خرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
تىسۋانالارنىڭ مىجەزى خۇشخۇي، قىزغىن، خۇشچاقچاق كېلىدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا <پولا>(ھۆل - يېغىن مەنىسىدە) دەپ سالام بېرىپ ئۆتىدۇ، ئاياللىرى يۈكۈنۈپ تۇرۇپ سالاملىشىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قۇرغاق كېلىماتى ۋە كۆچمەن چارۋىچلىق تۇرمۇشىدا سۇغا بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.تىسۋانالار ئۆكۈزنى مۇقەددەس بىلىدۇ، مال - دۇنيانىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئادەتتە تۇل ئاياللارغا كالا باققۇزمايدۇ، كالىغا يېقىنلاشتۇرمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىمۇ كالىدىن ئايرىلمايدۇ. ھەر يىلى قەرەللىك ئۆكۈز بەيگىسى ۋە كالا بەزمىسى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.