UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركەشمىرىلەر

كەشمىرىلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر كەشمىرىلەر ھازىرقى ھىندىستان بىلەن پاكىستان تىزگىنلەپ تۇرغان كەشمىر رايونىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كەشمىر ئويمانلىقىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون. كەشمىرلەر ياۋروپا ئىرقى ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ. بىراق روشەن ھالدا موڭغۇل ئىرقى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، قاڭشارلىق، چىرايى ئاق كېلىدۇ. كەشمىرىلەر ھىندى ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسى دەرى تىلى تارمىقىغا تەۋە كەشمىر تىلىنى قوللىنىدۇ، شاردا ۋە سانسىكرىت يېزىقى ئاساسىدىكى پارس ئېلىپبەسى قوللىنىدۇ. كەشمىر تىلى دەرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىك تىلى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار. شەھەردىكى كەشمىرىلەر ئادەتتە ئوردۇ، ھىندى ۋە پەنجاپ تىللىر بىلەن سۆزلىشىدۇ. كەشمىرىلەرنىڭ 90 پىرسەنتى ئسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ھىندى ۋە سىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كەشمىرىلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ۋە قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا شال، سېرىق كەندىر، بۇغداي، قوناق، تاماكا، قىچا، چاي قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ، چارۋىچىلىقتا قوي، كالا بېقىلىدۇ. كەشمىرىلەر قەدىمكى ئارىئانلار تەركىبىنى ئاساس قىلىپ، ساك، ئېفتالىت، تۈرك (ھۇن) ، موڭغۇل قاتارلىق مىللەت - قوۋملار ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ھىندى دىنى مۇرتلىرى مېيىتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، مۇسۇلمانلار ئىسلام قائىدىسى بويىچە مېيىتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ. كەشمىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت بايرىمى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتتىن ئىبارەت، بىراق كەشمىر مۇسۇلمانلىرى ھەج قىلمايدۇ. كەشمىردىكى ھىندى دىنى مۇرتلىرىنىڭ دىنى مۇرتلىرىنىڭ غەلبە بايرىمى، پانۇس بايرىمى، بىلەيزۈك تاقاش بايرىمى، باھار بايرىمى (يېڭى يىل بايرىمى)، سونتى بايرىمى، ئامورنات بايرىمى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھېيت - بايراملىرى بار. كەشمىرىلەر ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ، شۇڭا كەشمىرنىڭ <خەلق ناخشىسى ماكانى> دەپ نامى بار. كەشمىرىلەر سايتاش يىلنامىسىنى قوللىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
كەشمىرىلەر | UyghurWiki | UyghurWiki