UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرۋېنېسۇئېلالىقلار

ۋېنېسۇئېلالىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) ۋېنېسۇئېلالىقلار ۋېنېسۇئېلادا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. ئاھالىسىنىڭ 9.98 پىرسەنتى ۋېنېسۇئېلا جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 15 مىليون 100 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 6.90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئامېرىكا ۋە كولومبىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ۋېسۇئېلالىقلار شالغۇتلار ئىرقىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئاساسەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ شىمالدىكىلىرى سانائەت ۋە دېھقانچىلىق بىلەن، جەنۇبىدىكىلەر چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، شېكەر قومۇچى ۋە قەھۋە قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ زىرائەتلرىى ئۆستۈرىلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، چوشقا بېقىلىدۇ. (2) ۋېنېسۇئېلادا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 19 مىليون 269 مىڭ، شەھەر نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىلىرى ئىندىئانلار، ئاقتەنلىكلەر ۋە نېگىرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، كۆپ قىسمى (78 پىرسەنتى) كاتولىك دىنىغا، ئاز قىسمى يەھۇدى، پراۋۇسلاۋىيە دىنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتى دېھقانچىلىق، قالغانلىرى چارۋىچىلىق، سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سانائىتى كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. سېنېسۇئېلالىقلارنىڭ تۇرار - جايى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىسپانلار ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدىكى مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشىشپ كېىتىدۇ. ۋېنېسۇئېلالىقلار ئىچىدە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇقا سوقۇشتۇرۇش، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ بۇقا بىلەن ئېلىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە يېنىك ئاتلىتكا، كالتەك توپ، پوتبۇل قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى خېلىلا ئومۇملاشقان. ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، قىزىل شەيتان بايرىمى، يېڭى يىل، روژېستۋو، پاسخا، تەنتەنە قاتارلىق بايراملاردىن باشقا، يەنە ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى، ئاتىلار بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، مۇئەللىملەر بايرىمى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەھەللىۋى بايراملىرى بار. ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ ئەڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى قىزىل شەيتان ياكى قىزىل يالماۋۇز ئۇسسۇل بايرىمى بولۇپ، بۇ ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ كېيىنكى ئون كۈنى ئىچىدىكى خەيرلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ۋېنېسۇئېلانىڭ پايتەختىگە يېقىن يارىې بازىرىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ۋېنېسۇئېلالىقلار | UyghurWiki | UyghurWiki