UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربەربەرلەر

بەربەرلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر بەربەرلەر شىمالىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىدىن بىرى بولۇپ، ئاساسەن مەراكەش (4 مىليون 730 مىڭ)، ئالجىرىيە (2 مىليون 940 مىڭ)، لىۋىيە (160 مىڭ)، تۇنىس (70 مىڭ) ۋە مالى (350 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. بەربەرلەرنىڭ بىر تارمىقى بولغان بوستانلىق بەربەرلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئومۇمىي نوپۇسى 9 مىليوندىن كۆپرەك. بەربەرلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى بەربەر تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە بەربەر تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بەربەرلەر ئۆزئىچىدىن يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان ئولتۇراقلاشقان بوستانلىق بەربەرلىرى ۋە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان كۆچمەن، يېرىم كۆچمەن چارۋىچى بەربەرلەر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بوستانلىق بەربەرلىرى ئاساسەن بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، ئۈزۈم، زەيتۇن ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچى بەربەرلەر قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە قاتارلىق چارۋىلارنى باقىدۇ. بەربەرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تېخى بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ياۋروپادىن، بىر قىسمىنى سەھرايى كەبىر ئەتراپىدىن كەلگەن دەپ ھېسابلايدۇ. ھازىرقى زامان بەربەرلىرى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردا ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. بەربەرلەردە پاترىئارخاللىق چوڭ جەمەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئاتا ئائىلىدە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. بەربەرلەر بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بەربەر يىگىتلىرى تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن، ئۆي ئايرىمايدۇ. ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئەرەب ئاياللىرىغا قارىغاندا ئۈستۈن بولۇپ، ئەركىن كېلىدۇ. بەربەرلەرنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرى ئۆزگىچە بولىدۇ. ئۇلار كۆپرەك كۈز پەسلىدە توي مەرىكىسىنى باشلىۋېتىدۇ. بەربەرلەر قىز - يىگىتلىرىنىڭ جورا تاللاش ئادىتىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ. ھەر يىلى 9 - ئاي مەزگىلىدە بەربەرلەنىڭ <موسېم بايرىمى>(ئەمەلىيەتتە يىگىت - قىزلارنىڭ جورا تاللاش يەرمەنكىسى) ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ ئادەتتە ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. بەربەرلەرنىڭ ئادىتى بويىچە يىگىتلەر تالىشىدىغان ئەڭ ئەتىۋارلىق جورا قىزلار بولماسىتن بەلكى نىكاھلىق بولغان تۇل خوتۇنلار بولۇپ، يىگىتلەر ئۇلارنى ئۆي ئىشىغا پىشقان دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر