UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتىۋلار

تىۋلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر تىۋلار نىگېرىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىر بولۇپ، <مىتىشلار>، <مۇنىشلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 3.89 پىرسەنتى نىگېرىيە (1 مىليون 650 مىڭ) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى كامېرون (210 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليون 700 مىڭ. تىۋلار نىگېرىيە نوپۇسىنىڭ 3.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. تىۋلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، بىر قىسمى ئارىلاشما بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى شەرقىي بانتۇ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىۋ تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار. تىۋلار ئۆز ئىچىدە ئىيىۋى، ئوغىبې، ئۇتانگې قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ، تىۋلار ئاھالىسىنىڭ كۆپ قسىمى ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كېۋەز، باتات، پۇرچاق، شال قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. تىۋلار مەدەنىيەتتە خاۋسالارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر