بالۇبالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بالۇبالار زايىردا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <لۇبالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بالۇبا ئاھالىسىنىڭ 5.99 پىرسەنتى زايىردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 5 مىليون بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 18 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا زامبىيە، تانزانىيە، رۋاندا قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر قىسىم بالۇبالار بار. ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 630 مىڭ.
بالۇبالار نېگىر ئېرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن بالۇبا - شانكا، بالۇبا ـ بامبۇ، بالۇبا - ھېمبالاردى ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارماققا بۆلۈنىدۇ.
بالۇبالار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسىى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە چىلۇبا (لۇبا) تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان مىللىي يېزىقى بار، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ.
بالۇبا ئاھالىسنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزىم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان.
بالۇبالار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا مانىخوت، كۆممىقوناق، شال، قەھۋە ۋە كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
بالۇبالار ياغاچ ۋە پىل چىشى ئويمىچىلىقى ھۈنەر سەنئىتى بىلەن دۇنياغا داڭقى چىققان.
بالۇبالاردا ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلىنىپ ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
بالۇبالارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى بانتۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
بالۇبالار ھازىرقى زايىردا سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.