UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرگۋاتېمالالىقلار

گۋاتېمالالىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر گۋاتېمالالىقلار <گۋاتېماللار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گۋاتېمالالىقلار گۋاتېمالادا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 7.97 پىرسەنتى گۋاتېمالادا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 3 مىليون 730 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 47 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. گۋاتتېمالالىقلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكا، مېكسىكا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. گۋاتېمالالىقلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گۋاتېمالالىقلار ئاساسەن ئىندىئانلار بىلەن ئىسپان كۆچمەنلىرى ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن مىللەت. گۋاتېمالالىقلارنىڭ 65 پىرسەنتى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا قەھۋە، ئاپلىسىن، شېكەر قۇمۇچى، پاختا، بانان، كۆممىقوناق، شال ئۆستۈرىلىدۇ. گۋاتېمالالىقلار خۇشخۇي، سەۋىرچان، قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، ياش قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئەرلىرىنى <ئەپەندى> ئاياللىرىنى <خانىم> قىزلارنى <خېنىم> دەپ ئاتىشىدۇ، بىر - بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ ياكى سۆيۈشۈپ كۆرىشىدۇ ۋە ياكى خوشلىشىدۇ. گۋاتېمالالىقلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن كېلىدۇ، ئادەتتە بۇقا سوقۇشتۇرۇش، بۇقا بىلەن ئېلىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئويۇنلارنى ياخشى كۆرىدۇ. گۋاتېمالالىقلارنىڭ يېڭى يىل، روژدېستۋو، پاسخا، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار. گۋاتېمالالىقلار <كاسار قۇشى> دەپ ئاتىلىدىغان تۆمۈر تۇمشۇق قۇشى ئەركىنلىك، كۈچ - قۇۋۋەت، مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى قەدىرلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر