UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتۇنسلىقلار

تۇنسلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر تۇنسىلىقلار شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنىستا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <تۇنىس ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇنسىلىقلارنىڭ 95 پىرسەنتى تۇنسىنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە شەرقىي دېڭىز بويلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 30 مىڭ. ئۇلاردا پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئاز قىسمى لىۋىيە، ئالجىرىيە ۋە مەراكەش، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تۇنسىلىقلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ تۇنىس دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ يېزىقى بار. زىيالىيلىرى فرانسۇز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. تۇنسىلىقلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ دىن تۇنىستا دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. تۇنسىلىقلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، زەيتۇن، سترۇس، خورما، ئۈزۈم قاتالىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، تۇنسىلىقلارنىڭ زەيتۇن مېيى بىلەن خورمىسىنىڭ دۇنيادا داڭقى بار، چارۋىچىلىقىدا كالا، ئۆچكە، تۆگە بېقىلىدۇ. تۇنسىلىقلار ئاساسەن يەرلىك بەربەرلەر بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلۇشى، شۇنىڭدەك قەدىمكى فىنكىيىلىكلەر، رىملىقلار، تۈركلەر، يەھۇدىيلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. تۇنسىلىقلار قاتۇرماچ بىلەن بولكا قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق، قوي، كالا گۆشى ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى قوشۇمچە قىلىدۇ. تۇنىسلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي مەرىكىسى قىزغىن ھەم تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە مەرىكە يەتتە كۈن داۋام قىلىدۇ. توي ئالدىنقى بەش كۈن قىز تەرەپتە، كېيىنكى ئىككى كۈن ئوغۇل تەرەپتە بولىدۇ. تۇنىسلىقلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ھېيت - بايرام ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ. تۇنسىلىقلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، مەۋلۇد قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرىدىن باشقا، سەھرا فىستېۋالى، ستروس بايرىمى، ئۈزۈم بايرىمى، ئانار بايرىمى، زەيتۇن بايرىمى قاتارلىق مەھەللىۋى بايراملىرىمۇ بار. تۇنسىلىقلارنىڭ نەقىشچىلىق ھۈنەر - سەنئىتىمۇ دۇنياغا داڭلىق، شۇڭا كىشلەر ئۇنى مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بىر گۆھەر دەپ تەرىپلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر