UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئىجاۋلار

ئىجاۋلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىجاۋلار نىگېرىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ئىجوۋلار>، <ئىجېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىجاۋلارنىڭ 8.98 پىرسەنتى نىگېرىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز قىسمى كامېروندا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 620 مىڭ. ئىجاۋلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ. ئىجاۋلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ كىۋا تىللىرى تارمىقىغا تەۋە ئىجاۋ تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ. ئىجاۋلار ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر