غىلزايلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
غىلزايلار ئاففانىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ھەمدە پۇشتۇلار (ئاففانلار) نىڭ موھىم بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسەن كابۇلنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا، غەزنە رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا، ئاز قىسمى سۇلايمان تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي ئېتىكىدە ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ئافانىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 7.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
غىلزايلار ھىندى - ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پۇشتۇ (ئاففان) تىلىنىڭ غىلزاي دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. غىلزايلار ئسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىسى ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
غىلزايلار ئۆز ئىچىدىن تۇران، بۇرخان قاتارلىق نۇرغۇن تارماققا بۆلۈنىدۇ. تەتقىقاتچىلار غىلزايلارنى قەدىمكى تۈرك قارلۇقلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ. ئۇلار Ⅶ ئەسىردە جەنۇبقا قاراپ سىلجىپ، Ⅹ ئەسىردە ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئاففانستان تەۋەسىگە كىرگەن، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى غەزنە، گال قاتارلىق جايلارغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، كېيىن يەنە جەنۇبقا قاراپ كۆچۈپ قەندەھارغا كەلگەن، يەنە بىر قىسمى ھىندىستان تەۋەسىگە ئۆتۈپ، 1288 - يىلى دېھلى غىلزاي خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. ئاففانىستاندىكى غىلزايلار بىر مەھەل ئىرانغا بېسىپ كىرگەن. كېيىن ئۇلارغا دۇرانىنلار خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
غىلزايلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ئاففانلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.