داھومېئانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
داھومېئانلار <فۇننۇلار>، <جەجىلەر> ياكى <شەرقىي ئېۋېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى <فونگبېلار> دەپ ئاتايدۇ. داھومېئانلار بېنىندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، بېنىننىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 440 مىڭ، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
داھومېئانلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ كىۋە تىللىرى تارمىقىغا تەۋە فون (داھومېي) تىلىنى قوللىنىدۇ. يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار، فرانسۇز تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
داھومېئانلارنىڭ كۆپى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
داھومېئانلارنىڭ 85 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىمۇ داڭلىق. داھومېئانلار پۇرچاق، كۆممىقوناق، مانىخوت، پالما، قەھۋە قاتارلىقلارنى ئۆستۈرىدۇ. مايلىق پالما ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت مەھسۇلاتى، شۇڭا بېنىن <پالما يۇرتى> دەپ نام ئالغان.
داھومېئانلار فونلارنى يادرو قىلىپ ئادجا، ئېزۇ، گى، ئاگوندې قاتارلىق بىر قانچە تارماققا بۆلۈنىدۇ.
داھومېئانلار ⅩⅦ ئەسىردە فونلارنى ئاساس قىلىپ داھومېيە پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. شۇڭا ئاھالىلىرى داھومېئانلار دەپ ئاتالغان، گۋىنىيە قولتۇقى ئەتراپىدىكى رايونغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە ياۋروپالىقلار كېلىشتىن بۇرۇنلا مەدەنىيىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىنىڭ قول ھۈنەر - سەنئىتى بىلەن داڭق چىقارغان. بولۇپمۇ رەڭگارەڭ چىرايلىق برونزا ھەيكەلتىراشلىقى ۋە پىل چىشى نەقىشچىلىقى، نەپىس قاچا - قۇچا بۇيۇمللىرى بىلەن ئافرىقىدىكى <يېزىقى يوق قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت> دەپ شۆھرەت قازانغان.
داھومېئانلار كۆممىقوناق، گۈرۈچ قاتارلىقلاردىن قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ.
داھومېئانلار مېيتنى ئاساسەن يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ. داھومېئانلار مېيىتنى دەپنە قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جەم بولۇپ يەپ - ئىچىپ، ناخشا - قوشاق ئېيتىپ، داقا - دۇمباق چېلىپ كېچىچە ئۇخلىمايدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قايغۇ - ھەسرەتلىرىنى خۇشال - خۇراملىققا ئايلاندۇرىدۇ.
داھومېئانلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
داھومېئانلار قەدىمدىن تارتىپ بوغما يىلاننى مۇقەددەس دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا تىۋىنىپ كەلگەن، شۇڭا نۇرغۇن ئائىلىلەردە بوغما يىلان بايرىمىمۇ خېلىلا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىلىدۇ.
دېمەك، بوغما يىلان (قارا قۇيرۇق يىلان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئەجدادلار قەلبىنىڭ نامايەندىسى ۋە ئائىلىنىڭ مۇئەككىلى، ھاياتلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى، تەڭداشسىز مۇقەددەس نەرسە دەپ قاراپ ئالاھىدە چوقۇنىدۇ. كىشلەر ھەتتا كاتتا - مۇقەددەس بوغما يىلانلار ئىبادەتخانىلىرىنى ياساپ، بوغما يىلانلارنى توپلاپ باقىدۇ.