بوسىنيانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بوسىنيانلار بوسىنىيە - گېرېتسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە <يۇگۇسلاۋىيە مۇسۇلمانلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بوسىنيانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 350 مىڭدىن كۆپرەك، ئۇنىڭ 1 مىليون 900 مىڭى (8.85 پىرسەنتى) بوسىنىيە - گېرېتسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىىنىڭ 44 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى سابىق يۇگۇسلاۋىيىنىڭ باشقا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە گېرمانىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
بوسىنيانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالقان تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە سېرب - خورۋات تىلىنى قوللىنىدۇ، بىراق تىل لۇغەت فوندىدا تۈرك، ئەرەب ۋە پارسچە سۆزلەر خېلىلا كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىلىرىمۇ تۈرك ۋە ئەرەبلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
بوسىنيانلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
بوسىنيانلار Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن سىلاۋيانلار بىلەن ھىندى - ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان يەرلىك ئېللىرىئانلار، فراكىيىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن مىللەت.
بوسىنيانلار تىل - يېزىق، ئۆرپ - ئادەت ۋە بەزى مۇھىم مىللىي ئالاھىدىلىكلىىرى جەھەتتە يەنىلا سېربلار، خورۋاتلار، گېرېتسېگوۋىنالار ۋە ماكېدونلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىراق شەھەردىكىلىرى بىلەن يۇقىرى تەبىقىلىرى ئىچىدە تۈركلەرنىڭ تەسىرى خېلىلا چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
بوسىنيانلارنىڭ توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام، ئۆلۈم - يېتىم، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، چوشقا گۆشى يېمەيدۇ، قائىدە بويىچە سويۇلمىغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ، بوسىنيانلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.