UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرماكۋالار

ماكۋالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ماكۋالار ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ۋاكۋالار> <ۋاماكۋالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 3.81 پىرسەنتى مۇزامبىكتە (5 مىليون 200 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى مالاۋى (1 مىليون 40 مىڭ) ۋە تانزانىيە (190 مىڭ)، زىمبابۋې، زامبىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 7 مىليون 750 مىڭ. ماكۋالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن لومۋې، چىۋابو، مىخاۋا، لولو ۋە ماتو قاتارلىق نۇرغۇن تارماققا بۆلۈنىدۇ. ماكۋالار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپسغا تەۋە ماكۋا تىلىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ يېزىقى بار، پورتۇگال تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ماكۋالارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنى ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ماكۋالارنىڭ كۆپىنچىسى (86 پىرسەنتى) دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن مانىخوت، كۆممىقوناق، شال ۋە شىكەر قومۇچى، چاي، ئاگاۋا كەندىرى، كېۋەز قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ئىقتىسادىي زىرائەتلىرى ئۆستۈرىلىدۇ. ماكۋالارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ھازىرقى كامېرون ئەتراپىدىن موزامبىك تەۋەسىگە كۆچۈپ كىرگەن بانتۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا پەيدىنپەي زورىيىپ، بۇ رايوندىكى چوڭ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ماكۋالاردا نەسەب ئانا جەمەت بويىچە ھېسابلىنىپ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، يېزىدىكىلىرى كۆنەكسىمان كەپىلەردە ئولتۇرىدۇ، دېڭىز بويىدىكىلىرى ئەرەبچە كىيىم كېيىدۇ. ماكۋالارنىڭ شەھەردىكىلىرى ئاساسەن ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولىدۇ، يېزىلىرىدا نىكاھ ئىشلىرىدا يەنىلا ئاتا - ئانىلىرى چات كېرىۋېلىش، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ھادىسىلىرى دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ماكۋالار مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، ھازىدارلار قارلىق تۇتىدۇ، مۇسىبەتكە كەلگەنلەرنى غىزا ۋە ھاراق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ماكۋالار پورتۇگالىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خۇشخۇي، قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ. ئادەتتە ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ئەرلەر بىر - بىرىنى <ئەپەندى>، ئاياللارنى <خانىم>، قىزلارنى <خېنىم> دەپ ھۈرمەت نامى بىلەن ئاتىشىدۇ. ئەل - ئاغىينىلەر ئۇچراشقاندا قۇچاغلىشىپ كۆرۈشىدۇ، ئاياللار بىر - بىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ، ئادەتتىكى كىشلەر بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا <ئوبدان قوپقانسىز>، <كەچلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن>، <سالامەت بولغايسىز> دېگەنگە ئوخشاش ئەدەپ سۆزلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ماكۋالار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ، ئۇلاردا پۇتبۇل، ۋالىبول، پەيتوپ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ماكۋالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرى كۆپ، ماكۋالار كەچقۇرۇن ھويلا - ئاراملارنى سۈپۈرمەيدۇ، كەچتە ئەينەككە قارىمايدۇ، قىزلارغا تۇخۇم يېگۈزمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ماكۋالار | UyghurWiki | UyghurWiki