كۇكى - چىنلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كۇكى - چىنلار جەنۇبىي ئاسىيادا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالى، بېنگالنىڭ شىمالى ۋە بىرمىنىڭ غەربىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 2 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەك.
كۇكى - چىنلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ؛ مانپۇر، چىن، لۇشى، تىخادۇ، كۇكى، تىسۇرا ۋە كايان (كىليان) قاتارلىق بىر - بىرىگە يېقىن قانداش قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۇكى - چىنلارنى ھىندىستاندا <كۇكىلار>، بىرمىدا <چىنلار> ۋە <كېچىنلار>، بىنگالدا <كىليانلار> دەپ ئاتايدۇ. بىرمىدا ياشىغۇچى چىنلار بىلەن كېچىنلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 3 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
كۇكى - چىنلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى بىرما تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىلنى قوللىنىدۇ. مىللىي يېزىقى يوق. كۇكى - چىنلار ئەنئەنىۋى ئاتزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بىر قىسمى خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە، ھىندى دىنىغا ياكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
كۇكى - چىنلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
كۇكى - چىنلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدا ئىلىم ساھاسىدىكىلەردە ئىككى خىل قاراش بار: ئۇنىڭ بىرى - كۇكى - چىنلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدىن ھىمالايا تېغى ئېغىزى ئارقىلىق ئۆتۈپ بىرمىغىچە يېتىپ كەلگەن، دەپ قارايدۇ؛ يەنە بىرى لەنساڭجياڭ دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشاپ، كېيىن بېنگالغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇ يەردىن ھىندىستاننىڭ مانپۇر رايونىغا كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ.
كۇكى - چىنلاردا قىز - يىگىتلەر بىر - بىرىگە تاماكا ئوراپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئادەت بار.
چىنلاردا ئاياللار يۈز - كۆزلىرىگە خىلمۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى سىزىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
چىنلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، يېڭى گۈرۈچ تامىقى يېيىش بايرىمى، چوشقا ئۆلتۈرۈش مۇراسىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
يېڭى يىل بايرىمى، يېڭى گۈرۈچ تامىقى يېيىش بايرىمى، چوشقا ئۆلتۈرۈش مۇراسىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
يېڭى يىل بايرىمى ئادەتتە ھەر يىلى 10 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
چىنلارنىڭ مېيىت ئۇزىتىش ئادىتى ئۆزگىچە بولىدۇ، بىرەيلەن قازا تاپسا مىلتىق ئېتىپ كىشلەرگە خەۋەر قىلىدۇ، مېيىتنى كېيىندۈرۈپ ساندۇققا سېلىپ دەپنە قىلىدۇ، دەپنە قىلىنغان كۈنىمۇ مىلتىق ئاتىدۇ ھەمدە مەرھۇم روھىنىڭ ئەرشكە چىقىشىنى تىلەپ مەرسىيە ئېيتىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، جۈملىدىن مەرھۇمنىڭ قەبرە بېشىغا سىمۋول خاراكتېرلىك ھەرخىل تۇغ - ئەلەم قادايدۇد، مەسىلەن: ئاق تۇغ مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا پىل بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، قارا تۇغ قاۋان بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
چىنلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىمۇ پەرھىزلىرى كۆپ بولىدۇ.مەسىلەن: بىرما كالېندارى بويىچە 3 - ئايدا (مىلادى 6 - ئايدا) توي - تۆكۈن ئۆتكۈزمەيدۇ؛ يېڭى ئۆيگە كۆچكەندە بەش كۈن ئۆي ئىچىگە ئوت قالىماي، سىرتتا تاماق ئېتىپ يەيدۇ؛ دەريا، ئېتىز - ئېرىق، كۆل بويىغا تەرەت قىلمايدۇ.
ئاياللىرى ئوۋغا چىقمايدۇ ھەمدە يىرتقۇچلار بوغۇپ ئۆلتۈرگەن ھايۋانات گۆشىنى يېمەيدۇ؛ ئىككى قات ئاياللار خام مېۋە ۋە مايمۇن بىلەن يىلان گۆشىنى يېمەيدۇ، دەريادىن ئۆتمەيدۇ؛ مېھمان ياكى يات كىشلەرنىڭ كالا قوتىنىغا كىرىشىگە يول قويمايدۇ.