پاپۇئانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
پاپۇئانلار <پاپۇۋالار> (بۇدرە چاچلىقلار مەنىسىدە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پاپۇنلار پاپۇئا يېڭى گېۋىنېيىسى، تېنچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى ئىرىئان ئارىلى (يېڭى گېۋىنېيە) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللاردا ياشىغۇچى يەرلىك مىللەت گۇرۇھى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليوندىن كۆپرەك، پاپۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پاپۇئا يېڭى گېۋىنېيىسى مۇستەقىل دۆلىتىدە ئولتۇراقلاشقان.
پاپۇئانلار نېگىر - ئاۋىسترالىيە ئىرقى پاپۇئا تىپى بىلەن مىلانېزىيە تىپىغا كىرىدۇ.
تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئەجدادلىرى تەخمىنەن بۇندىن 50 مىڭ يىللار ئىلگىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن بۇ جايلارغا كۆچۈپ كەلگەنىكەن. كېيىن كۆپ قېتىم بۇ يەرگە كۆچۈپ كىرگەن يېڭى كۆچمەنلەر ئۇلارغا ئارىلىشىپ كەتكەن. ياۋروپالىقلار بۇ يەرگە بېسىپ كىرىشتىن ئاۋۋال، بۇلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا بولۇپ، مىڭدەك قەبىلە - قوۋملارغا بۆلۈنۈپ، ئاتا ئۇرۇقنى بىرلىك قىلغان ھالدا ياشىغان. تېرىقچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
پاپۇئانلارنىڭ تىلى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، 1011 خىلدىن كۆپرەك تىل بىلەن سۆزلىشىدىكەن. ھازىر ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىنگلىز تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.
پاپۇنلارنىڭ كۆپىنچسى بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن. ئاتا - بوۋىلىرى ئەرۋاھ، پىرىخون ۋە توتېمغا چوقۇنغان. بىراق چەت ئەلنىڭ تەسىرى بىلەن ھازىر ئاھالىسىنىڭ 93 پىرسەنتى خرىستىئان دىنى پروتېستانتىزمىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پاپۇئانلارنىڭ 78 پىرسەنتى ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان يېزا جامەسىدە دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، شال، مانىخوت، تاتلىق ياڭيۇ، بانان، خاسىڭ، شېكەر قومۇچى، قەھۋە قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. 15 پىرسەنت ئاھالىلەر زاۋۇت - كانلاردا ياللىنىپ ئىشلەپ ئىش ھەققىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
پاپۇئانلارنىڭ كىيىم - كېچەك ۋە تۇرار - جايلىرى ئاددى بولىدۇ، بەدىنىگە خەت (گۈل) چېكىۋېلىش، بۇرنىنى تېشىپ ھەر خىل بېزەك تاقاش، نىقاپلىنىش ئادەتلىرى بار.
پاپۇئانلار ئويما نەققاشچىلىق، كۇلالچىلىق ۋە كېمە ياساشقا ماھىر كېلىدۇ.
پاپۇئانلار خرىستىئان دىنى بايراملىرىدىن باشقا، سوۋغا - سالام بېرىش بايرىمى دەپ ئاتىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى بار.
پاپۇئانلاردا ئۆي چوشقىسىغا تىۋىنىش ۋە ئۇنى ئەزىزلەش ئادىتى بار.