UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربىرمىلىقلار

بىرمىلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بىرمىلىقلار بىرمىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 6.98 پىرسەنتى بىرمىنىڭ ئىراۋادى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمى رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 29 مىليون 600 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ 23 مىليونى بىرمىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 71 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم بىرمىلىقلار بېنگال، ھىندىستان، تايلاند قاتارلىق شەرقي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بىرمىلىقلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىتا تىپىگە كىرىدۇ؛ خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسى بىرما تىلى تارمىقىغا تەۋە بىرما تىلىنى قوللىنىدۇ. مون ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بار. بىرمىلىقلار ئاساسەن بۇددا دىننىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ دىننىڭ تەسىرى بىرمىلىقلار ئىچىدە چوڭقۇر بولۇپ، ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك بۇت تەكچىسى بولىدۇ، بىرمىلىقلارنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنىڭ ھەننىۋاسى مەلۇم ياشقا توشقاندا ساڭرام (ئىبادەتخانا) لىرىغا بېرىپ چېچىنى چۈشۇرۈۋىتىپ راھىب بولىدۇ. بىرمىلىقلار دېھقانچىلىق قوشۇمچە ئورمانچىلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى مىللىي دارامىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ، دېھقانچىلىقتا ئاساسەن شال ئۆستۈرۈلىدۇ، شالدىن باشقا خاسىڭ، كېۋەز، كۈنجۈت، پۇرچاقمۇ بار. بىرمىلىقلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل قاراش بار:(1)بىرمىلىقلارنىڭ ئەجدادلىرى ھىندىستان ئەتراپىدىن بىرمىغا كۆچۈپ كەلگەن؛(2) بىرمىلىقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى قەدىمكى جۇڭگۇنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان چياڭلار بولۇپ، ئۇلار غەربىي جەبۇبىي جۇڭگۇ ئارقىلىق Ⅷ - Ⅳ ئەسىرلەر ئارىلىقىدا ھازىرقى بىرمىغا كۆچۈپ كېلىپ، يەرلىك مون، پياۋ قاتارلىق قوۋملارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىرما مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. بىرمىلىقلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى بىرمىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، پاگان (Ⅺ - ⅩⅡ ئەسىرلەر)، گۇنباڭ قاتارلىق فېئودال خاندانلىقلارنى قۇرۇپ بىرلىككە كەلگەن بىرما مىللىتنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتكەن. بىرمىلىقلار گۈرۈچنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ئۆي قۇشلىرى گۆشى بىلەن كۆكتاتلارنى قوشۇمچە قىلىدۇ، غىزانى كۆپىنچە قولى بىلەن يەيدۇ، بىرمىلىقلار كالا گۆشى يېمەيدۇ، تىرىك بېلىق ۋە باشقا جانىۋارلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ، ئۇلار ئومۇمەن ئاچچىق، مايلىق ۋە خام سەيلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىرمىلىقلارنىڭ كېيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە كېلىدۇ، ئەرلىرى ئۇچىسىغا چاقماق كاتەكچە پاسارى (پىرىجە) ياكى ئاق رەختتىن تىكىلگەن كېيىم كېيىپ، بېشىنى ياغلىق بىلەن ئورىۋالىدۇ؛ ئاياللىرى ئۇچىسىغا ياقىسىز، يېڭى قىسقا، يېنىدىن ئېچىلىدىغان نىمچا، ئاستىغا رەڭگارەڭ يوپكا كېيىۋالىدۇ، بىرمىلىقلارنىڭ ئەر - ئاياللىرى ئالتۇن - كۈمۈشتىن قىلىنغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىرمىلىقلار ئاياللارنى <ئۆي پىرى> دەپ ئالاھىدە ئىززەتلەيدۇ، ئاياللارغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئائىلە ئىشلىرىدا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بىرمىلىقلار ئارىسىدىمۇ <شەيخنىڭ ئورۇقى، ئۆكۈزنىڭ سېمىزى، يىگىتنىڭ زىرىكى، قىزنىڭ ياتلىق بولغىنى ياخشى> دەيدىغان تەمسىل بار.بىرمىلىقلاردا توي مەرىكىسىمۇ بەك ئاددىي بولىدۇ، بىرمىلىقلارنىڭ توي مۇراسىمى بۇددا دىنى بويىچە ئۆتكۈزىلىدۇ، توي - تۆكۈن ئىشلىرى ئاساسەن بىرما كالېندارى بويىچە ئۆكتەبىر مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا كۈندۈز قىسقا، تۈن ئۇزۇن بولىدۇ، يېزىلىرىدا توي مەرىكىسى قىز تەرەپتە بولىدۇ. بىرمىلىقلار مېيتنى كۆيدۈرۈپ ياكى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، بىرمىلىقلارنىڭ سۇ چېچىش بايرىمى، پانۇس بايرىمى، كىماناۋ بايرىمى، قىزلارنى ھۆرمەتلەش بايرىمى، نومى گۈرۈچى قاتلىمىسىنى يېيىش بايرىمى قاتارلىق 30 غا يېقىن دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. بىرمىلىقلارنىڭ ئات بەيگىسى، پىل سوقۇشتۇرۇش، چېۋىق توپ، چامباشچىلىق، قولۋاق ھەيدەش قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بار. بىرما ياشلىرى ياشانغان كىشلەرگە ئىككى قولىنى جۈپلەپ تازىم قىلىدۇ، ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدۇ، سورۇنلاردا كىشلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئاياللارنى تونۇشتۇرىدۇ؛ كىشلەرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئايىقىنى سېلىپ ئۆيىگە كىرىدۇ. بىرمىلىقلار تېكتون دەرىخىنى ئۆزىگە سمۋول قىلىدۇ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادىسى ۋە قەيسىرانە روھىنىڭ مۇجەسسىمى دەپ قارايدۇ؛ بىرمىلىقلار يەنە ئاق پىل، شىر، مۈشۈكياپىلاق ۋە كالىنىمۇ مۇقەددەس ئىلاھ ئورنىدا كۆرۈپ قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ. بىرمىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، بىرمىلىقلارنىڭ سۇ چېچىش بايرىمى مەزگىلىدە گۆش يىمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، جىدەل - ماجرا قىلماسلىق، سودا قىلماسلىق، كىشىگە ئازار بەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئون پەرھىزى بار. بىرمىلىقلار گۈلنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزئارا مۇناسىۋەت داۋامىدا گۈل تەقدىم قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بىرمىلىقلار ئۆزگىچە كالېندارغا ئىگە مىللەت، بۇ خىل كالېندار بىرمىنىڭ قەدىمكى پاگان پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى پوپاساۋۋراخان تەخىتكە ئولتۇرغان دەۋردىن (بەزىلەر تايلاندىنىڭ قەدىكى پادىشاھ پارا تەخىتكە ئولتۇرغان دەۋردىن دەپمۇ قارايدۇ) باشلاپ، يەنى مىلادى بويىچە ھېسابلىغاندا 639 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، بىرمىلىقلار كالېندارىدا بىر يىل 12 ئاي، جۈپ سانلىق ئايلار 30 كۈن، تاق سانلىق ئايلار 29 كۈن بولىدۇ، بۇ خىل كالېندارنى بىرمىلىقلاردىن باشقا، تايلاندلىقلارمۇ قوللىنىدۇ. بىرمىلىقلاردا ئىسىملا بولىدۇ، فامىلە بولمايدۇ، جىنسى، چوڭ - كىچىكلىكى، كەسپى، يۇرتى قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىسىمنىڭ ئالدىغا ئارتىكىل قوشۇپ قوللىنىشنى ئادەت قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
بىرمىلىقلار | UyghurWiki | UyghurWiki