UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئەرمەنلەر

ئەرمەنلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئەرمەنلەر جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى ئەرمەنىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 6 مىليون 300 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 3 مىليوندىن كۆپرەكى ئەرمەنىستان جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ ئۇلار جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 93 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى گىروزىيە، ئەزەربەيجان ۋە شىمالىي كاۋكاز رايونىغا ۋە روسىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا(700 مىڭ)، فىرانسىيە(200 مىڭ)، ئىران (200 مىڭ)، لىۋەن (180 مىڭ)، تۈركىيە (150 مىڭ)، سۈرىيە (160 مىڭ)ئىئوردانىيە، پەلەستىن، مىسىر، بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، گرېتسىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ نەچچە مىليونلىغان ئەرمەن مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئەرمەنلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ غەربىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى مۇستەقىل ئەرمەن تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرمەن تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ Ⅳ - Ⅴ ئەسىردە گرېك ۋە ئەرەم يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار. گرېك ۋە ئەرەم يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار. ئەرمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى خرستىئان دىنىغا، ئاز بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرمەنلەر دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، قىزىلچا، تاماكا ۋە چاي ئۆستۈرىلىدۇ، باغۋەنچىلىكىمۇ خېلى راۋاجلانغان بولۇپ، ئاساسەن ئۈزۈم، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۆستۈرىلىدۇ، چارۋىچىلىقى قوي، كالا - ئات باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەرمەنلەر جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ياشاپ كەلگەن قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى .
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئەرمەنلەر | UyghurWiki | UyghurWiki