UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئېفتالىتلار

ئېفتالىتلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئېفتالىتلار <يەپتاللار>، <غۇزلار>، <ئاق ھۇنلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېفتېلىتلار - ئېلىمىزنىڭ شىمالىي رايونى ۋە ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قەدىمكى قەبىلە - قوۋم نامى، توخارلارنىڭ غەربىي تارمىقى. جۇڭگۇ تارىخنامىلىرىدا بۇ ھەقتىكى خاتىرلەر ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن: <لياڭنامە> دە بۇلارنى قاڭقىللارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى دەپ قەيت قىلىنغان؛ <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> دا <چوڭ توخرىلار> دەپ ئاتىغان. يەنە بەزىلەر چوڭ توخرىلار بىلەن ھۇنلار نەسلىدىن بولغان شالغۇتلار دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ رەڭگىرويى ئاقراق بولغاچقا <ئاق ھۇنلار> دەپمۇ ئاتىغان. بۇلار دەسلەپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ - Ⅲ ئەسىرلەردە سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدا، كېيىن ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي، تەڭرى تېىغنىڭ شەرقىي قىسمىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تەخمىنەن Ⅴ ئەسىردە غەربىي يۇرتقا ئۆتۈپ، غەربىي يۇرتتىكى ئاگنى (قارا شەھەر)، سۇلې (قەشقەر)، قۇم (ئاقسۇ)، كۈسەن (كۇچار)، كاۋاتتا (تاشقورغان) قاتارلىق بەگلىكلەرنى ئىستېلا قىلىپ، بىر مەھەل يەرلىك قوۋملار ئۈسىتدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربكە سىلجىپ ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا كېلىپ، ئاففانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەپ، بەلخنى پايتەخت قىلىپ، دۆلەت قۇرغان. بۇ دۆلەت Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەردە مەۋجۇت بولغان. ئېفتالىتلار 427 - يىلى ساسانىيلار سۇلالىسنى مەغلۇب قىلىپ، پادىشاھى فىروزنى ئۆلتۈرۈپ، ساسانىيلار سۇلالىسىنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىنى ئىشغال قىلىپ گۇپتا خاندانلىقىغا تەھدىت سالغان. 563 - 569 - يىللىرى تۈركلەر بىلەن ساسانىيلارنىڭ بىرلىكتە قىستاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئېفتالىت دۆلىتى گۇمران بولۇپ، ئاھالىلىرى تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن. كېيىن باشقا خەلىقلەر تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان. ئېفتالىتلار دەسلەپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىپ، كېيىن ئولتۇراق دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا كۆچكەن ھەمدە زوروئاستېر (زەردۇشىت) دىنىنى قوبۇل قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئېفتالىتلار | UyghurWiki | UyghurWiki