باگىرمىلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
باگىرمىلار ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <بونگو - باگىرمىلار>، <ئارانكىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى <باگماگېيلار> دەپ ئاتايدۇ. باگىرمىلارنىڭ 96 پىرسەنتى چاد (1 مىليون 100 مىڭ) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى سۇدان (125 مىڭ)، كامېرون، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيتىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 450 مىڭ.
باگىرمىلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ باگىرمىلار سارا، لاكا، سوكورو، كۈن، گابېر، بانگو ۋە كرېش قاتارلىق تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باگىرمىلار نىگېر - كوردوفان (نىلوت - سەھرا) تىللىرى سىستېمىسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە باگىرمى تىلىنى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەرەب تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ.
باگىرمىلارنىڭ ئاز قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، يەر مۇئەككىلى بىلەن سۇ مۇئەككىلىگە چوقۇنىدۇ، كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
باگىرمىلار ئاساسەن (90 پىرسەنتى) دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا تېرىق، كۆممىقوناق، پۇرچاق، خاسىڭ، كېۋەز قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سودا ئىشلىرىمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلغان.
باگىرمىلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ.