ئېستونلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئېستونلار ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى <ئېستلار>، <ئېستلاسېدلار> دەپمۇ ئاتايدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇلارنىڭ 1 مىليونى ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 66 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بىر قىسمى روسىيە فېدېراتسىيىسى، لاتۋىيە، گرۇزىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، كانادا ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردە 100 مىڭدىن كۆپرەك ئېستون بار، ئېستونلارنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتى شەھەر بازارلاردا ئولتۇراقلاشقان.
ئېستونلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالتىق تىپىغا كىرىدۇ. ئورال تىللىرى سىستېمىسى فىن - ئۇگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ بالتىق - فىن تىل تارمىقىغا تەۋە ئېستون تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
ئېستونلارنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلىرى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئېستونلار ئاساسەن دېھقانچلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بېلىقچىلىق ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا، سولۇ، ئارپا، ياڭيۇ، كۆكتات قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، چوشقا بېقىلىدۇ. سانائىتىدە كۆن - خۇرۇم، ئۆي سايمانلىرى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ماشىنسازلىق قاتارلىقلار تەرەققىي قىلغان.
ئېستونلارنىڭ ئەجدادلىرى - ئېستلار مىلادىدىن ئاۋۋاللا ھازىرقى ئېستونىيە تەۋەسىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. ئۇلارنى رۇسچە يازما ھۈججەتلەردە <چودلار> دەپ ئاتاپ كېلىنگەن.
ئېستونلار ئۇزاق تارىخ ۋە ماددىي مەنىۋى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ئىگە مىللەت. ئېستونلارنىڭ ئۆي جاي بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆيلىرى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىراق كىيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە كېلىدۇ، ئېستونلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا قوش پەشلىك قارامتۇل پىلاش ياكى يەكتەك كېيىدۇ. ئاياللىرى رىم پاسونىدىكى ئاق كوپتا، كەڭ قارامتۇل كۆپ پۈرمىلىك يوپكا، كەشتىلىك ئاق دوپپا كېيىدۇ، مەيدىسىگە ئالتۇن بېزەكلىرىنى ئېسىۋالىدۇ، مىدالىيون تاقايدۇ.
ئېستونلاردا ئەرلەرنى ئەزىز، ئاياللارنى خار كۆرۈش ئادەتلىرى بار. شۇڭا ئاياللار ھامىلدار بولغان مەزگىلىدە ئوغۇل تىلەش ئۈچۈن كارۋىتىنىڭ ئاسىتغا ئەمگەك سايمانلىرىنى قويۇپ قويىدۇ، ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان ئائىلەرنى خۇلۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى <8> رەقەم شەكىلدىكى تورت بىلەن يوقلاپ ئالاھىدە تەبرىكلەيدۇ.
ئېستونلاردا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ناخشا - قوشاق، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى مەزمۇن قىلىنغان ناخشا - قوشاق بىلەن ساترىك (ھەجۋى) خارەكتېرىدكى قوشاقلار خېلىلا ئوموملاشقان؛ بۇنىڭدىن باشقا <كالىۋىپۇئىگ> ناملىق قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى ئېپوسمۇ ئېستونلار ئىچىگە كەڭ تارقالغان. ئېستونلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ئىچىدە ھەر يىلى 6 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان يازلىق كۈن تۈن توختاش (21 - ياكى 22 - ئىيۇن) بايرىمى بىلەن 24 - كۈنىدىكى ئىۋانوۋ بايرىمى ئەڭ چوڭ بايرام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئېستونلارنىڭ توي مەرىكىسى ئۆزگىچە ھەم ئىنتايىن قىزىق بولىدۇ. ئۇلاردا قىز ياتلىق بولۇشتىن ئاۋۋال، بولغۇسى قىيىنئاتا - قىيىنئانىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئاتاپ قوپچاق، قول ياغلىق، قولقاپ، پايپاق قاتارلىق سوۋغىلارنى تەييارلايدۇ. توي مەرىكىسدە ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە قىز بىلەن يىگىت ئىشىكتىن كىرىش بىلەنلا بىر داس سۇدا بىرگە قولىنى يۇيىدۇ.
ئېستونلار ناخشا خۇمار كېلىدۇ، شۇڭا ھەر يىلى بىر قېتىم ناخشا ئېيتىش خور بايرىمى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.