تونگالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تونگالار زامبىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <باتونگالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 120 مىڭدىن كۆپرەك، ئاھالىسىنىڭ 1 مىليوندىن كۆپرەكى زامبىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى زىمبابۋې (150 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
تونگالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، گۋا، تونكا، توكا، ۋې، نامائىنگا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەركىزىي بانتۇلارنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي تارمىقىغا تەۋە قوۋملار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تونگالار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە تونگا تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار. تونگا تىلى ھازىرقى زامبىيىدە كەڭ قوللىنىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى.
تونگالارنىڭ كۆپىنچىسى ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
تونگالارنىڭ زامبېزى دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا ئاساسەن كۆممىقوناق، پۇرچاق، باتات قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، ئېگىزلىك رايوندا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا بىلەن قوي باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ.
تونگالارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش مەنبەسى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى ئىلارا، لېنچې ۋە توتېلا قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئۇخشىشىپ كېتىدۇ، تونگالارنى ھېلىمۇ داۋاملىق توپلىنىپ ئۇيۇشۇپ بېرىۋاتقان مىللەت دېيىشكە بولىدۇ.
تونگالار كۆممىقوناقنى ئاساسىي يېمەكلىك، كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ.
تونگالاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ ئائىلە تۈزۈمى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئاياللىرى ئەر ئولتۇرغان ئۆينى مەركەز قىلغان ھالدا ئايرىم - ئايرىم ئۆيلەردە تۇرىدۇ. بەزى جايلىرىدا يىگىت قىز تەرەپكە كۈيئوغۇل بولۇپ كىرىپ مەلۇم مەزگىل ئىشلەپ بېرىش ئادەتلىرىنىمۇ ساقلاپ قالغان.
تونگالار مول ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ۋە نەپىس ياغاچ، مىس ئويمىچىلىق قول ھۈنەر - سەنئىتىگە ئىگە مىللەت.
ئۇلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇيۇملىرىنى ئەتىۋارلايدۇ.