ئېفىئوپىيىلىكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئېفىئوپىيىلىكلەر شەرقىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، <ھەبەشلەر>، <ئېفىئوپىيىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئافرىقا تۇمشۇقى بىلەن شەرقىي ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى يەنى ھازىرقى ئېفىئوپىيە (نوپۇسى 29 مىليون)، سومالى، جىبۇتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى مىسىر، سۇدان، كېنىيە، تانزانىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 34 مىليون 800 مىڭ.
ئېفىئوپىيىلىكلەر ياۋروپا ئىرقى بىلەن نېگىر ئىرقىنىڭ ئۆتكۈنچى تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي تارمىقىغا تەۋە ئامخارا تىلى بىلەن قۇشىت تىلىنى قوللىنىدۇ.
ئېفىئوپىيىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ كوپتى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، تەبىئەتكە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ.
ئېفىئوپىيىلىكلەر دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا ئارپا، بۇغداي، قەھۋە ۋە باشقا كۆكتات، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرىلىدۇ.
ئېفىئوپىيىلىكلەر كالا گۆشىنى خام يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ھېيت - ئايەم، توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم - يېتىم، ھەتتا زىياپەتلەرنىڭ ھەممىسىدە خام كالا گۆشى ئىستېمال قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان.
ئېفىئوپىيىلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچىكى <ساما> دەپ ئاتىلىپ، ئۇنى ئادەتتە ئەر - ئاياللارنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ كېيىدۇ، <ساما> سىپتا ئىشلەنگەن بىر پارچە ئاق خەسە بولۇپ، ئەرلىرىنىڭ تار، ئۇزۇنراق، ئاياللىرىنىڭ كەڭ كېلىدۇ.
ماسكال بايرىمى ئېفىئوپىيىلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلى 27 - سىنتەبىردە ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ بايرام <كرېست بايرىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئېفىئوپىيىلىكلەر يېڭى يىل مىلادى ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ، يېڭى يىل ھارپا ئاخشىمى ھەممەيلەن بىر قۇچاق ئوتۇن ئېلىپ كېلىپ، بىر جايغا دۆۋىلەپ گۈلخان ياقىدۇ، ئارقىدىن ئەر - ئاياللار، ئۇششاق بالىلار گۈلخاننى چۆرىدەپ، پۇخادىن چىققۇچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ، ئېفىئوپىيە كالېندارى بويىچە بىر يىل 13 ئاي ھېسابلىنىدۇ، ئالدىنقى 12 ئايدا بىر ئاي 30 كۈن بولىدۇ، كېيىنكى 13 - ئاي بەش كۈن، كەبىسە يىلى ئالتە كۈن بولىدۇ، بۇ خىل كالېندار مىلادى 8 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈننى يىل بېشى قىلىدۇ.
ئېفىئوپىيە قەھۋەنىڭ ماكانى بولۇپ، ئېفىئوپىيىلىكلەر ئەزىز مېھمانلىرىنى قەھۋە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، ئېفىئوپىيىلىكلەر سۇس سېرىق رەڭنى يامان كۆرىدۇ.
ئېفىئوپىيىلىكلەر تۇزنى مېھىر - مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ، ئېفىئوپىيىلىكلەردە يىگىت - قىزلار تۇنجى قېتىم تېپىشىپ بىر - بىرنى سۆيۈشكەندە، ئۆز - ئارا ئېغىزىغا بىر چىمدىم تۇز سېلىپ قويىدۇ.