UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرھىندونېزىيىلىكلەر

ھىندونېزىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر ھىندونېزىيىلىكلەر ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ نامى، جۈملىدىن ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاھالىلارنىڭ ئاتىلىشى. ئومۇمىي نوپۇسى 198 مىليون 880 مىڭ. ھىدونېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 1928 - يىلى ئۆكتەبىردە چاقىرىلغان مەملىكەتلىك ياشلار ۋەكىللىرى 2 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چىقارغان قەسەمنامە ئاساسىدا، <ھىندونېزىيىدە بىرلا مىللەت - بىرلىككە كەلگەن ھىندونېزىيىلىكلەر مىللىتى بار> دەپ قارايدۇ، شۇڭا سىرتقا قارىتا ھىندونېزىيىنى <يەككە بىر مىللەتلىك دۆلەت> دەپ ئاتاپ، ھىندونېزىيىدىكى ھازىر بار بولغان باشقا مىللەتلەرنى <قوۋملار> دەپ قارايدۇ. ھىندونېزىيىلىكلەر ئەمەلىيەتتە ياۋالىقلار، سۇندالار، مادورلار، بالىلىقلار، ئاچىلار، مىناڭكاباۋلار ، باتاقلار، ماكاسسارلار، پوگىلار، تۇرادجالار، باندجالار قاتارلىق چوڭ - كىچىك بولۇپ 150 نەچچە مىللەت پاپۇئا - مېلانىزىيە تىپلىرىغا كىرىدۇ. ھىندونېزىيىلىكلەر جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ئوسترونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ھىندونېزىيە تىلىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل مالاي تىلى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ چىققان بولۇپ، ھىندونېزىيىدە دۆلەت تىل سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. بۇنىڭدىن باشقا 200 نەچچە خىل مىللىي تىلىمۇ بار. ھىندونېزىيىلىكلەرنىڭ 88 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، 4.5 پىرسەنتى خرستىئان دىنىغا، 2.5 پىرسەنتى ھىىندى دىنى بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھىندونېزىيىدە ئىسلام دىنى ئاساسلىق دىن بولۇپ، ھىندونېزىيىلىكلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت - مائارىپ ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ھىندونېزىيىلىكلەرنىڭ كۆپچىلىكى (70 پىرسەنتى) دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھىندونېزىيىلىكلەر كۆپ مىللەت - قوۋمدىن تەركىب تېپىشى ۋە كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىشى، ئىگىلىك تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق تۈپەيلىدىن، تۇرار جاي، يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم قاتارلىق جەھەتتە بىر - بىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ھىندونېزىيىلىكلەر تارىختا بىر مۇنچە يەرلىك خاندانلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە بولغان مول ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياراتقان. ھىندونېزىيىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان <بورو - بودور> مۇنارى قەدىمكى شەرقتىكى تۆت چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھىندونېزىيىلىكلەرنىڭ ھېيت - ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلىرى بىر قەدەر كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي بايراملىرىدىن باشقا يەنە مىللەت بايرىمى بىلەن ئانىلار بايرىمىنى خېلى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. ھىندونېزىيىلىكلەرنىڭ مىللەت بايرىمى ھەر يىلى 5 ـ ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ، ئانىلار بايرىمى ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. ھىندونېزىيىلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى ئىچىدە بۇقا ئۈسۈشتۈرۈش بىر قەدەر كەڭ تارقالغان. ھىندونېزىيىلىكلەرنىڭ ئىسىم فامىلىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئىسىم ۋە فامىلىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، ئىسمى ئالدىدا، فاملىسى كەينىدە كېلىدۇ، ئادەتتە ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ، بىراق رەسمىي سورۇنلاردىن باشقا ۋاقىتتا پەقەت ئىسمىنىلا ئاتايدۇ، فامىلىسىنى ئاتىمايدۇ. مەسىلەن: سۇكارنو ئەخمەدنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئەخمەد فامىلىسى، ئادەتتە سۇكارنو دەپ ئاتايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر