تېگرايلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تېگرايلار <جەنۇبىي تېگرېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تېگرايلار ئېرىتىرېيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن تۆت قىسمىنى ئىگىلەيدۇ؛ نوپۇسى 2 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك، بىراق ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرچە چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتىدۇ. تېگرايلار نېگىرلار بىلەن ئاقتەنلىكلەر قان سىستېمسى ئارىلاشقان ھەبەش ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ئۇلار ئەسلىدە ئافرىقا تۇمشۇقى ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمكى ساملارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاكىل - گۇزائې، ھاماسىن، سېراي قاتارلىق بىر مۇنچە قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تېگرايلار ھام - سام تىللىرى سىستېمسىى سام تىللىرى گۇرۇپپىسنىڭ جەنۇبىي تىللار تارمىقىغا تەۋە تېگرىي تىلىنى قوللىنىدۇ؛ ئاھالىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئامخارا تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
تېگرايلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ كوپتى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
تېگرايلار دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا ئاساسەن بۇغداي، ئارپا، ئاققوناق ۋە پۇرچاق تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك، تۆگە بېقىلىدۇ؛ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن سودىسىمۇ بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان.
تېگرايلار تارىختا ئېفىئوپىيىدە مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئاقسۇم پادىشاھلىقىنىڭ ئاھالىلىرى ئىدى، بۇ پادىشاھلىق يىمىرىلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىقتا ياشىغۇچى ئاھالىلەر شىمال ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ كەتكەن، شىمالىي تارمىقى <تېگرېلار> دەپ ئاتالغان؛ جەنۇبىي تارمىقى <تېگرايلار> دەپ ئاتالغان. شۇڭا تېگرايلارنىڭ ئەجدادىنى ئاقسۇملار دېيىشكە بولىدۇ.
تېگرايلار مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە ئامخارالار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
تېگرايلارنىڭ ئىچىدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى ساقلىنىپ قالغان، ئۇلار ئومۇمەن ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرۇش، قىزلىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قۇلۇپ سېلىش قاتارلىق ئادەتلىرى بار.