نامبىيىلىكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
نامبىيىلىكلەر <غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى نامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ، 51 پىرسەنتىنى ئوۋامبولار (ئامبولار 650 مىڭ)، 3.9 پىرسەنتىنى ۋانگولار (70 مىڭ)، 11 پىرسەنتىنى خېرېرولار (90 مىڭ)، دامالار (70 مىڭ)، بۇشمانلار (30 مىڭ)؛ 10 پىرسەنتىنى ئافرىقانلار (70 مىڭ)، خوتتېنتوتلار (45 مىڭ) ئىگىلەيدۇ؛ نامبىيىلىكلەر 10 نەچچىلىغان قەبىلە - قوۋملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 500 مىڭ.
نامبىيىلىكلەر جەنۇبىي ئافرىقان تىلى (گوللاند تىلى) بىلەن ئىنگىلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، بىر قىسمى نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە ئامبو تىلىنى قوللىنىدۇ.
نامبىيىلىكلەرنىڭ 90 پىرسەنتى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى تەبىئەتكە، ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنىدۇ.
ئاھالىلىرى كان قېزىلمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ئارىلاشما ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچلىق زىرائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، بۇغداي، ياڭيۇ ۋەپۇرچاق قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. كانچىلىقى ئالماس، ئوران، مىس، كۈمۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نامبىيىلىكلەر كۆممىقوناق، پۇرچاق، قوناق، بۇغداي ۋە باتات (تاتلىق ياڭيۇ) قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىدۇ، قول ئىلكىدە بارلىرى غەربچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ.
نامبىيىلىكلەرنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا ئاق رەختتىن ئافرىقىلىقلار پوسۇنىدىكى نىمچە كېيىدۇ، ئاياللىرى گۈللۈك رەختتىن كۆڭلەك ياكى يوپكا كېيىدۇ، بېشىنى ياغلىق بىلەن ئورىۋالىدۇ، قۇلاق، بۇرنىنى تېشىپ، ئۇزۇن ھالقا سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
نامبىيىلىكلەر ئەدەپ - قائىدىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا بىر - بىرىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ سالاملىشىدۇ، ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ.نامبىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە پەرھىزلىرى بار. نامبىيىلىكلەر مال سويغان جايغا ئىككى قات ئاياللارنى كەلتۈرمەيدۇ، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ، تۇل خوتۇنلارنى مۇسىبەتكە قاتناشتۇرمايدۇ، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللارنى مۇسىبەت مەزگىلىدە چارۋا ۋە قازان بېشىغا يېقىنلاشتۇرمايدۇ. بىر قىسىم ئاھالىلىرى كالىنى مۇقەددەس بىلىدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە يول قويمايدۇ.
نامبىيىلىكلەر <13> ساننى يامان كۆرىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە 13 - نومۇرلۇق ئۆي بولمايدۇ، 13 ياش ۋە 13 - چىسلا قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئالمايدۇ....