UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرنىياكۇسالار

نىياكۇسالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر نىياكوسالار تانزانىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <نىئاكىياسالار>، <سوكىلېلار>، <سوچىلىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 94 پىرسەنتى تانزانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، 6 پىرسەنتى مالاۋىدا تارقاق ئولتۇرالاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 170 مىڭ. نىياكۇسالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە نىياكۇسا تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ھېلىمۇ ساقلاپ كەلگەن، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.نىياكۇسالار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئارىلاشما ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. نىياكۇسالارنىڭ ئاياللىرى نەرسە - كېرەكلەرنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ، يىگىت - قىزلىرى سۈننەت تويى ۋە ياش - قورامىغا يېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ، قىز - ئوغۇللىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلىدۇ، ئۇلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بالا - چاقىلىرى كۆپ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر