UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتۇركانالار

تۇركانالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر تۇركانالار شەرقىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىر بولۇپ، <ئىلگۇمېلەر>، <تېسۇلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 96 پىرسەنتى ئۇگاندا (1 مىليون 200 مىڭ) بىلەن كېنىيە (50 مىڭ) دەپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قالغانلىرى سۇدان (70 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 800 مىڭ ئۇلار ئۇگاندا نوپۇسىنىڭ 9 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. تۇركانالار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، ئىنگاماتاق، نېبېلاي، نىتىر قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ، تۇركانالار نىلوتلارنىڭ جەنۇبىي تارمىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، تۇركانالار نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرق سۇدان تىللىرى تارمىقىغا تەۋە تۇركانا تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرى ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ. ئاساسەن كۆچمەن ياكى يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىقتا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ. تۈركانالار ئەسلى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر بولۇپ، ⅩⅦ ئەسىر ئەتراپىدا نىل دەرياسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىن كۆچۈپ ھازىرقى ئولتۇراقلاشقان رايونغا كەلگەن، تۇركانالاردا قەبىلە تەشكىلاتى ساقلىنىپ قالغان، بىراق قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ھوقۇقى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئادەتتە چوڭ جەمەتنى بىرلىك قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. مەدەنىيەت جەھەتتە قۇشتلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. ئىگىلىك تەرەققىياتى قالاق بولۇپ، سۇ ۋە ئوتلاققا قاراپ ئەگىشىپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. تۇركانالاردا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرۇش ئادىتى بار، ئاھالىلىرى بېلىق گۆشى يېمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
تۇركانالار | UyghurWiki | UyghurWiki