UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرخانىلار

خانىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر خانىلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي - جەنۇبىي رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ بىرى، ئۇلار تارىختا ئۆزىنى <يانى> لار، <خېينى>لار، <ئانى> لار، <بېيۆ> لار، <كادۇ> لار، <بەيخۇڭ> لار قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن <خانى مىللىتى> دېگەن نامنى قوللانغان. ئاھالىسىنىڭ 2. 87 پىرسەنتى ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى، قىزىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەيلاۋشەن تاغلىق رايونى ئەتراپىدىكى خۇڭخېي خانى - يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوچۈن، جىنپېڭ، يۈنياڭ، خوڭخېي قاتارلىق تۆت ناھىيىسىدە توپلىشىپ جايلاشقان. قالغانلىرى مۇجياڭ، لەنساڭ، جىڭيۇن، مېڭخۇاڭ، شىنپىڭ، پۇئىر، جاڭچىڭ قاتارلىق ناھىيىلىرىدە تارقاق جايلاشقان. نوپۇسى بىر مىليون 253 مىڭ. بۇنىڭدىن باشقا بېرما، تايلاند، ۋېيتنام، لائوستىمۇ ئاز ساندا خانىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنى <ئونىلار>، <ئاكاخالار> دەپ ئاتايدۇ. خانىلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە كۆپىنچىلىرى ئانىمىزم، كۆپ خۇدالىق دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنىدۇ، ئاز بىر قىسمى بۇددا ۋە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى - دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خانىلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا جەنۇبقا كۆچكەن چياڭلارنىڭ بىر تارمىقى بولسا كېرەك. خانىلار گۈلنى گۈزەللىك ھەم ئىشقى - مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. يىگىت - قىزلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى گۈل ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. خانىلار بولۇپمۇ مۇجياڭ خانى ئاپتۇنۇم ناھىيىسىدە ياشىغۇچى خانى قىزلىرى ئىچىدە، ياتلىق بولۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن يىغلاش ئادىتى بار. خانىلار مېيت ئۇزۇتۇش ئادىتى ئاپتۇنۇم ناھىيىسىدە ياشىغۇچى مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرق قىلىدۇ. ئۇلاردا بىرسى قازا قىلسا مىلتىق ئېتىپ پۈتۈن يېزىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىنىدۇ، كىشلەرنىڭ ھەممىسى پوزۇر كېيىنىپ بەئەينى ھېيت - بايرام ياكى بازارغا بارىدىغاندەك مۇسىبەت بولغان ئۆيگە يېتىپ كېلىشىدۇ. خانىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقى ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ دىنىي، ئەنئەنىۋى ۋە مەھەللىۋى ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەرد كۆپ بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 50 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. بۇ ھېيت - ئايەملىرى ئىچىدە كوزازا بايرىمى، خانى چاغىنى ۋە ئۆكتەبر بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. خانىلار مېھماننى پۈتۈن ئائىلە كىشلىرى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئۇزىتىپ قويىدۇ، سەپەر ئۈستىدە مەيلى تونۇش ياكى يات كىشى بولسۇن تەبەسسۇم بىلەن قاراپ، سالام قىلىپ ئۆتىدۇ. خانىلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مول، رەڭگارەڭ بولۇپ، ئەپسانە، سالنامە، تەمسىل، تېپىشماق قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە <پۈتۈن ئالەم ۋە نەرسىلەرنىڭ يارىتلىشى>،<خانى ئەجدادلىرىنىڭ دەريادىن ئۆتۈپ كېلىشى>، <قەلىبداش ئاكا - سىڭىلنىڭ ئادەم نەسىلىنى تارقىتىشى>، <ئوسسى - مېيسى>، <توپان بالاسى خاتىرسى> قاتارلىق ئېپوسلىرى بىر قەدەر كەڭ تارقالغان. خانىلاردا مۈرە بىلەن ئېلىشىش، ئېلەڭگۈچ ئۇچۇش، چېلىشىش قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرى بار. خانىلارنىڭ پەرھىزلىرىمۇ كۆپ.خانىلار تۇغۇتلۇق ئۆيدىن باشقىلارنىڭ ئۆي - سەرەمجانلىرى ۋە باشقا سايمانلارنى ئارىيەت ئېلىشنى يامان كۆرىدۇ؛ ھەپتىنىڭ چارشەنبە، يەكشەنبە كۈنى قەرز سۈيلىمەيدۇ، ھەم چارۋا سودىسى قىلمايدۇ، كۈن، ئاي تۇتۇلغان كۈنلىرى توي مەرىكىسى ئۆتكۈزمەيدۇ، خانىلار ئىت گۆشى يېمەيدۇ. خانىلار تېرىقچىلىق ۋە مايسا كۆچۈرۈش مەزگىلىدە دەل - دەرەخلەرنى كېسىپ ئوتۇن قىلمايدۇ، چاچ - ساقال ئالدۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق ئىشلار ئۇرۇقنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى، مايسىلارنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىرد كۆرسىتىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ، كىم ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا جەرىمانە قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
خانىلار | UyghurWiki | UyghurWiki