UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرۋېنگرلار

ۋېنگرلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ۋېنگرلار ۋېنگرىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۆزىنى <ماجارلار> دەپمۇ ئاتايدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 14 مىليون 430 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇنىڭ 6.73 پىرسەنتى ۋېنگرىيىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، ۋېنگرلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 98 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ۋېنگرلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ؛ جەنۇبىدىكىلىرىدە ياۋروپا ئىرقى دىنارك تىپىنىڭ ئامىللىرىمۇ بار؛ ۋېنگرلار ئورال تىللىرى سىستېمىسى فىن - ئۇگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇگۇر تىلى تارمىقىغا تەۋە ۋېنگر تىلىنىڭ سەككىز دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.ۋېنگرلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى يەھۇدىي دىنى بىلەن پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ۋېنگرلار ئاھالىسىنىڭ 54 پىرسەنتى شەھەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سانائىتىدە كۆن - خۇرۇم، توقۇمىچىلىق، فارفور قاچا - قۇچا ئىشلەش قاتارلىق ئەنئەنىۋى سانائەت تارماقلىرىدىن باشقا مېتاللورگىيە، ئېلىكتىرون، ماشىنسازلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. ۋېنگرلارنىڭ بىر قىسمى دېھقانچلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، قىزىلچا تېرىلىدۇ، باغۋەنچىلىكىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ياۋروپادا داڭقى بار، چارۋىچىلىقتا چوشقا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. ۋېنگرلار گۈرۈچ ۋە بۇغداي ئۇنى غىزاسىنى ئاساسىي ئوزۇق؛ گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ. ۋېنگرلار قىزىلمۇچ (لازا)، چىلانغان سەينى ئىستېمال قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. ۋېنگرچە قورۇما سەيلەرنىڭ ياۋروپادا داڭقى بار. ۋېنگرلار غىزادىن كېيىن ھاراق، قەھۋە ئىچىشكە ئامراق، ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلىرىنى ئاۋۋال ھاراق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ۋېنگرلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، ئەرلىرى ئۇچىسىغا كاناپ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن كەشتىلەنگەن كەڭ يەڭلىك كۆڭلەك، ئاق ئىشتان، پۇتىغا ئۆتۈك كېيىدۇ. ئاياللىرى ئۇچىسىغا قىسقا يەڭلىك كۆڭلەك، ئاستىغا كەشتىلەنگەن كۆپ پۈرمىلىك يوپكا، پۇتىغا ئۆتۈك كېيىدۇ. ۋېنگر يىگىت - قىزلىرىنىڭ توي - تۆكۈن ئىشلىرى ئاساسەن قىش ياكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن بۇرۇن ئۆتكۈزىلىدۇ. يىگىت - قىز توي قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، قىز تەرەپ قىزنىڭ كىيىم - كېچەك قاتارلىق قىز مېلىنى يىگىت تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، توي كۈنى يىگىت قىز سوۋغا قىلغان كەشتىلىك كۆڭلەكنى كېيىپ قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە بارىدۇ، قىز كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن، يىگىت تەرەپتىن بىرەيلەن قىزنى ئوچاق بېشىنى ئايلاندۇرۇپ چىقىدۇ، ئاندىن توي زىياپىتى باشلىنىدۇ. ۋېنگر يىگىت، قىزلىرىنىڭ مۇھەببەت كۆچىتى تىكىش ئادىتى بار. ۋېنگرلار مېيتنى يەرگە كۆمۈپ ياكى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، ۋېنگرلار ئادەم جان ئۈزگەندىن كېيىن، شۇئان ئۆيىدىكى ئەينەكنىڭ يۈزىنى يېپىپ، ئوچاقتىكى ئوتنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ، ئاندىن ئاياللار يىغا - زارە باشلايدۇ، مېيتنى چىقىرىش ۋاقتىدا، چىركاۋ قوڭغۇرىقى چېلىنىدۇ، مېيتنى دەپنە قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھازىدار ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىينىلىرىنى چاقىرىپ سۈرلەنگەن گۆش، بولكا، پېچىنە، ئاق ھاراق قاتارلىق ئىچىملىك، سوغۇق يېمەكلىكلەر بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ھېيت - ئايەم كۈنلىرى، بولۇپمۇ قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىدا ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تۇپراق بېشىغا چىقىپ گۈلچەمبىرەك قويۇپ، يوقلاپ تۇرىدۇ. ۋېنگرلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، بولكا بايرىمى، ئۈزۈم بايرىمى، تەنتەنە بايرىمى، روژېستۋو بايرىمى، پاسخا بايرىمى، ئۆلۈكلەر بايرىمى (ھەر يىلى نويابىرنىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. ۋېنگرلار ئەدەپلىك، سىپايە، يۇمۇرلۇق ھەم مېھماندوست كېلىدۇ، كىشلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزئارا ھەرگىز ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. سورۇنلاردا ئەرلەر ئاياللارنىڭ قولىغا سۆيۈپ قويىدۇ، ئاياللار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا مەڭزىنى مەڭزىگە ياقىدۇ، ۋېنگرلار ئاياللارغا ئالاھىدە ھۈرمەت قىلىدۇ. ۋېنگرلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت. ۋېنگرلار قىرقۇم (قاغا تىرنىقى) گۈلىنى مىللەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىپ، ئۇنى قەدىرلەيدۇ. ۋېنگرلار ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت. ۋېنگرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرى ئىچىدە، ئەپسانە - رىۋايەت، ناخشا - قوشاق، ماقال - تەمسىل ۋە ھېكايە - چۆچەك قاتارلىقلار ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ۋېنگرلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا پەرھىزلىلرى كۆپ، ۋېنگرلار ياۋروپا مىللەتلىرىگە ئوخشاش <13> ساننى يامان كۆرىدۇ. ۋېنگرلار سەپەر ئۈستىدە قارا مۈشۈككە يولۇقۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ، ئادەتتە پىچاق، ئورغاق قاتارلىق تىغلىق سايمانلارنى باشقىلارغا ئارىيەت بەرمەيدۇ ۋە سوۋغاقىلمايدۇ.ۋېنگرلاردا شىمال ۋە غەرب تەرەپنى ئۇلۇغلاش ئادىتى بار؛ ئۇلار سامساقنى سالامەتلىكنىڭ سىمۋولى، ئۇ كىشنى قارا بېسىشتىن، جىن - ئالۋاستىلاردىن خالىي قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ۋېنگرلار ئاق رەڭنى ئۇلۇغلاپ ئۇنى نۇسرەت، بەخت ۋە ياخشىلىقنىڭ نىشانى دەپ قارايدۇ، ۋېنگرلار قارا رەڭنى قايغۇ - ئەلەم ۋە مۇسىبەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ۋېنگرلار يېڭى يىل كۈنى ئۆي قۇشى، بېلىق تىپىدىكى نەرسىلەرنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلمايدۇ. ۋېنگر (ماجار) لارنىڭ ئىسىم فاملىسىنىڭ رەتكە تىزىلىشى ياۋروپا مىللەتلىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ فامىلىسى ئالدىدا، ئىسمى كەينىدە كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. ۋېنگرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى، چوڭ ئوغۇل ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوللىنىدۇ، چوڭ قىز ئانىسىنىڭ ئىسمىنى قوللىنىدۇ، كىچىكلىرى بوۋىسى ياكى تارىختىكى مەشھۇر زاتلارنىڭ ئىسمىنى قوللىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر