UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسىئاملار

سىئاملار

دۇنيادىكى مىللەتلەر سىئاملار تايلاندتا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <كونتايلار>، <تاينوئىلار>، <تاي مىللىتى>، <تايلاندلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 3.99 پىرسەنتى تايلاندنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 38 مىليون 180 مىڭ بولۇپ تايلاند ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 81 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا بىرما، مالايسىيا، لائوستىمۇ بىر قىسىم سىئاملار بار. سىئاملار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى جۇاڭزۇ - تايلاند تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تايلاند تىلىنى قوللىنىدۇ، قەدىمكى كخمېر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار. سىئاملار مۇتلەق كۆپ قىسمى (90 پىرسەنتى) بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. سىئاملار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. سىئاملارنىڭ ئەجدادلىرى ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا كۆچۈپ بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئېتنىك تەركىبى جۇڭگۇ دەيزۇلىرى، جۇاڭزۇلىرى ۋە بىرمىدىكى شانلار، بولۇپمۇ لائوستىكى لاۋلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سئاملار مېيتنى بۇتخانىلاردا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. سىئاملار ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى <بەختلىك تۇرمۇشتىكى بىر〉 ئېپىزوت 〈> دەپ قاراپ، مېيتنى 〉 خوشال - خۇرام 〈 داقا دۇمباق ساداسى ئىچىدە ئۇزىتىدۇ ھەمدە ناخشا - قوشاق ۋە ئۇسسۇل بىلەن مەرھۇمنىڭ باقى ئالەمگە سەپەر قىلغانلىقىنى مۇبارەكلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا بەخت - سادائەت تىلەيدۇ. سىئاملار يىگىت - قىزلارنىڭ توي مەرىكىسى كۆپىنچە قوش ئايدا ئۆتكۈزىلىدۇ، مەرىكىگە راھىبلار رىياسەتچىلىك قىلدۇ، توينىڭ تۇنجى كېچىسى يىگىت بىلەن قىز ئالدى بىلەن بويىنى سۇغا سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، توي قىلىشتىن بۇرۇن سادىر قىلغان بارلىق گۇناھ ۋەقىلمىشلىرىنى پاكىز سۇ بىلەن تازىلايدۇ. بۇخىل مۇراسىم ئاساسەن يىگىت بىلەن قىزنىڭ يېڭى ھۇجرىسىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. سىئاملارنىڭ ئاساسلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى سوڭكران بايرىمى (يېڭى يىل بايرىمى)، پىل بايرىمى، سۇغا چىراغ قويۇپ بېرىش بايرىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. سىئاملار قائىدە - يوسۇنغا بەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ئىككى قولىنى جۈپلەپ ئېگىلىپ سالام بېرىدۇ، ئۆزئارا قول ئېلىشمايدۇ. سىئاملارنىڭ چامباشچىلىق، چىۋىق توپ ئويناش، بۇقا ئۈسسۈشتۈرۈش، توخۇ ۋە بېلىق سوقۇشتۇرۇش، لەگلەك ئۇچۇرۇش، ئارقان تارتىشىش، پۇتبۇل، سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بار. بۇ ئويۇنلىرى ئىچىدە بېلىق سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى يېزىلىرىدا بەكمۇ ئەۋج ئالغان. سىئانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ. سىئاملار سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى توي - تۆكۈن ئۆتكۈزمەيدۇ، ئۇلار بۇ كۈنلەردە توي قىلسا ئەر - خوتۇنلار جېدەل - ماجرادىن خالىي بولالماي، ئىناقسىزلىق ئىچىدە قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ساكيامۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە ئاينىڭ ئاخىرىدىمۇ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزمەيدۇ، ئاكا - ئۇكا ۋە ھەمشىرىلەرمۇ ئوخشاش بىر يىلدا توي قىلمايدۇ. سىئاملار ئادەمنىڭ باش قىسمىنى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىز دەپ قارايدۇ. سىئاملار سوۋغاتلارنى ئىككى قوللاپ ئالىدۇ، سول قولى بىلەن ئېلىشنى يامان كۆرىدۇ. سىئاملار ئادەتتە ئۆيىگە كىرگەندە ئايىقىنى سېلىۋېتىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ، ئاياغ تەرىپىنى باشقىلارغا قارىتشنى يامان كۆرىدۇ. ئىشىكنى پۇت بىلەن تېپىپ كىرىشنى، پۇت بىلەن نەرسە - كېرەكلەرنى كۆرسىتىشنى، كۆز ئەينەك تاقاپ تۇرۇپ باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشنى، ئۆيگە ئاياغ بلەن كىرىشنى بەكمۇ ئېغىر ئالىدۇ. سىئاملار دارچىن دەرىخىنى بەكمۇ قەدىرلەپ ئۇنى مىللەتنىڭ ۋە بەخت - سادائەتنىڭ سمۋولى دەپ قارايدۇ. سىئاملار يەنە ياتما نېلۇپەرنى دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، تىنچ - ئاسايىشلىق ۋە ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ئەلچىسى دەپ ئەتىۋارلايدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ مىللىي گۈلى دەپ ھېسابلايدۇ. سىئاملارنىڭ ئۆزگىچە كالېندارى بار. تايلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسىم - فامىلىسىنىڭ ئالدىغا ئالدى قوشۇمچە قوشۇلىدۇ. ئادەتتە ئاددىي پۇقرالار ئىچىدىكى ياش قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنىڭ ئالدىغا <نەي>(ئەپەندى مەنىسدە)، جۇۋانلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنىڭ ئالدىغا <ناڭ> (خانىم مەنىسدە)، قىزلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنىڭ ئالدىغا <ناڭ - ساۋ> (خېنىم مەنىسىدە) قاتارلىق قوشۇمچىلارنى قوشۇپ ئاتايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر