UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرپولىينېزىيىلىكلەر

پولىينېزىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر پولىينېزىيىلىكلەر ئوكېئانىيە قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پولىينېزىيە تاقىم ئاراللىرىدا ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر گۇرۇھى بولۇپ، ماۋرىلار، سامۇئالار، تونگالار، تۇۋالۇلار، گاۋايلار، توكىلاۋلار، كۇكلار (كۇك تاقىم ئاراللىقلار)، نيۇئېلەر، روژدېستۋو ئارىلىلىقلار قاتارلىق ئوندىن كۆپرەك مىللەت تارمىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليوندىن كۆپرەك كېلىدۇ. پولىينېزىيىلىكلەر جەنۇب موڭغۇل ئرىقى بىلەن ئاۋىسترالىيە ئىرقى ئارىلاشما تىپى، يەنى پولىينېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پولىيىنېزىيە تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. پولىينېزىيىلىكلەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن كۆپ ئىلاھقا چوقۇناتتى. ھازىر ئاساسەن خرىستىئان دىنى بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پولىينېزىيىلىكلەر ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى ۋە بېلىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. پولىينېزىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى تەخمىنەن بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىن بۇ ئاراللارغا كۆچۈپ كېلىپ، پەيدىنپەي ھەر قايسى تاقىم ئاراللاردا تارقىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. پولىينېزىيىلىكلەرنىڭ تۇرار - جاي، كىيىم - كېچەك ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى مېلانېزىيىلىكلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، پولىينېزىيىلىكلەر خىلمۇ خىل بېزەكلەر بىلەن گۈل تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەدىنىگە خەت (گۈل) چېكىۋېلىش ئادىتى ئەۋج ئالغان. پولىينېزىيىلىكلەر مېيتنى كىشلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە مەرىۋىسىگە قاراپ تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن دەپنە قىلىدۇ، ئومۇمەن ئاقسۆڭەك ياكى قەبىلە ئاقساقاللىرى قازا قىلسا، مېيتنىڭ ئىچ باغرىنى ئېلىۋېتىپ، مايلاپ قاتۇرىدۇ، بۇ <مۇميالاش> دەپ ئاتىلىدۇ. مېيتنى ئاقساقاللار قەبرىستانلىقىغا قويۇپ ساقلايدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر قازا قىلسا يا يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، ياكى سۇغا تاشلاپ دەپنە قىلىدۇ، ھېچقانداق دەپنە قىلىش مۇراسىمى ياكى نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
پولىينېزىيىلىكلەر | UyghurWiki | UyghurWiki