نۇبىيىلىكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
نۇبىيىلىكلەر <نۇبىئانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار سۇداندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىر بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 86 پىرسەنتى سۇداننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى نىل دەرياسىنىڭ بەشىنچى شاقىراتمىسىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ ئاسۋاننىڭ جەنۇبىغىچە بولغان ئارىلىقلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 2.8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بىر قىسىمى مىسىرنىڭ جەنۇبىدا (220 مىڭدىن كۆپرەك) تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نۇبىيىلىكلەر نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ.
نۇبىيىلىكلەر نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە نۇبىيە دىئالېكتى بىلەن سۆزلىشىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بار، ئاھالىسىنىڭ كۆپى ئەرەب تىلىنى بىلىدۇ.
نۇبىيىلىكلەر ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا ئاساسەن كېۋەز، ئارپا، بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ.
نۇبىيىلىكلەردە قەبىلە كۆپ بولغانلىقتىن، بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قەبىلە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ پېشانىسى ياكى يۈزىگە ئالاھىدە قەبىلە بەلگىسىنى چېكىۋالىدۇ.
ئوغۇل بالىلىرىغا 4 - 5 يېشىدا، قىز باللىرىغا 10 يېشىدا بۇ خىل بەلگە ياكى گۈل چېكىپ قويۇش ۋە ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى يولىغا قۇلۇپ سېلىپ قويۇش ئادەتىلىرى بار.
نۇبىيىلىكلەر، ئەرەبلەر بىلەن نىكاھلىشىش تۈپەيلىدىن، ھازىر ئۇلار ئەرەبلىشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.