UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرراكخايلار

راكخايلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر راكخايلار <ئاراكانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. راكخايلار بىرمىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن بىرمىنىڭ راكخاي شىتاتىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليون 850 مىڭ. راكخايلاr موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ. خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بىرما تىلىنىڭ راكخاي دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. مىللىي يېزىقى بار. ھازىرقى راكخاي تىل - يېزىقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. راكخايلار ئاساسەن بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. راكخايلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلنە شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، پۇرچاق ئۆستۈرىلىدۇ. راكخايلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ھەر ئايدا دېگۈدەك ھېيت - بايرام ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۇ چېچىش بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. راكخايلارنىڭ ناخشا - موزىكا، تىياتىر، ئۇسسۇللىرى ئۆزگىچە مىللىي تۈسكە ئىگە. راكخايلار بىرمىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا ئالاقىدار پەرھىزلىرى ئەڭ كۆپ مىللەت. مەسىلەن: سەپەرگە چىقماقچى بولسا ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۆسكەن بىر تال گىياھنى قۇلىقىغا قىستۇرىۋالىدۇ؛ يېرىم كېچىدە ئۆيىگە قايتىپ كەلسە، يېنىدىكى پىچىقىنى نەچچە قېتىم پۇلاڭلىتىپ ئاندىن ئۆيىگە كىرىدۇ. بىرما كالېندارى بويىچە 9 - ئاي (مىلادى 12 - ئاي) ئىچىدە ۋە 10 - ئاينىڭ (مىلادى 1 - ئاينىڭ) ئاخىرقى كۈنى توي - تۆكۈن قىلمايدۇ؛ ئىككى قات ئاياللار كەچتە تالاغا چىقمايدۇ، مېھمان كۈتمەيدۇ، قەبرىستانلىققا چىقمايدۇ، مۇسىبەتكە بارمايدۇ، ئەرلىرى جەسەت كۆتۈرمەيدۇ، ئاياللىرى تۇغۇتتىن بۇرۇن بوۋاققا كىيىم - كېچەك تەييارلىمايدۇ. راكخايلار نىكاھتىن ئاجرىشىشنى بەك ئېغىر ئالىدۇ، شۇڭا نىكاھتىن ئاجراشقان بويتاق ئەر ۋە تۇل ئاياللارنى ئۆيىگە يوللاتمايدۇ، توي - تۆكۈن باشقا مەرىكىلەرگە قاتناشتۇرمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
راكخايلار | UyghurWiki | UyghurWiki