ئازتېكلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئازتېكلار <تېنوكلار>، <مېكسىكانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ ئۇلار لاتىن ئامېرىكىسى ئىندىئانلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسەن مېكسىكىنىڭ چاپاس شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى ئوتتۇرا جەنۇبىي 10 نەچچە شىتاتتا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 3 مىليون 300 مىڭ. ئازتىكلار ئۆز ئىچىدىن 50 نەچچە قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ، شۇڭا مىكسىكىلىقلار ئۇلارنى 50 نەچچە ئاز سانلىق قوۋم دەپمۇ ئاتايدۇ.
ئازتېكلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى تارمىقى ئىندىئان تىپىغا كىرىدۇ، ئازتېك - تونو تىللىرى (ئىندىئان تىللىرى) سىستېمىسى يوتا - ئازتېك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئازتېك تىلىنى قوللىنىدۇ. ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئروگلىف يېزىقى بار ئىدى، كېيىن ئىنگلىز يېزىقىنى قوبۇل قىلغان.
ئازتېكلار ھازىر ئاساسەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى قۇياش ئىلاھى، ئاي ئىلاھى، باھار ئىلاھى، يامغۇر ئىلاھى، گۈل ئىلاھى، ئۇرۇش ئىلاھى قاتارلىق كۆپ خىل ئىلاھقا چوقۇنىدۇ.
ئازتېكلار يېزا ئىگىلىكى، قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئازتېكلارنىڭ كۆپ قىسمى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئادەتلىرى جەھەتتە ھازىرقى مېكسىكىلىقلارنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت بىر قىسمىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋ تۇرمۇشىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئازتېكلارنىڭ ئەرلىرى ئادەتتە ئۆزلىرى توقىغان يەرلىك رەخت بىلەن بېلىنىڭ ئاستىنى يېپىۋالىدۇ، سىرتقا چىققاندا ئۇچىسىغا ئەدىيال ئارتىۋالىدۇ؛ ئاياللىرى يوپكا كېيىپ، ئۈستىگە ئاق ئۇزۇن جىلىتكە قاپلىۋالىدۇ، كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ تۈگمىسى بولمايدۇ، پەقەت كۆكرىكىدە ئىزمىسى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن باغلىۋالىدۇ. پۇقرالارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى سۇس رەڭلىك، گۈلسىز كېلىدۇ، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ كېيىملىرى قۇياش، يولۋاس، بېلىق، كېپىنەك، مېھىرگىيا، ئۇچار قاناتلارنىڭ پەيلىرى قاتارلىق خىلمۇ - خىل نۇسخىلار چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ. پەقەت پادىشاھنىڭ كېيىم - كېچەكلىرى يېشىل رەڭلىك بىر يۇزا بىلەن زىننەتلەنگەن بولىدۇ. ئازتېكلار ئەر - ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى قۇلىقىغا ھالقا سېلىۋالىدۇ.
ئازتېكلار تۇغۇت ئۈستىدە ئۆلگەن ئاياللارنىڭ پاكىز يۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ئېسىل ئاخىرەتلىك كىيىم - كېچەكلەرنى كەيدۈرۈپ ياسايدۇ، مېيتنى ئېرى قەبرىستانلىققا كۆتىرىپ ئاپىرىدۇ، قۇياش ئولتۇرغاندىن كېيىن، دەپنە قىلىدۇ.
ئاھالىسنىڭ كۆپىنچىسى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئازتېكلار تارىختا ئۆزگىچە كالىندار كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئادەتتە <قۇياش كالىندارى> دەپ ئاتىلىدۇ.
ئازتېكلار بىر يىلنى جەمئىي 18 مەزگىلگە بۆلۈپ، بىر مەزگىلنى 20 كۈن ھېسابلاپ، مەزگىلنى ئوخشاش بولمىغان ئىلاھ بايرىمى بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن؛ مۇقىم ئىلاھ بايرىمىغا توغرا كەلمىگەن ئەڭ ئاخىرقى 5 كۈننى ئۇلار <نەس باسقان> كۈنلەر دەپ قاراپ بۇ كۈنلەردە ئالاھىدە ئېھتىيات قىلغان.