UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمانجۇلار

مانجۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر مانجۇلار ئېلىمىزدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئاساسەن لياۋنىڭ (2 مىليوندىن كۆپ مانجۇ بار)، جىلىن، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى خېبىي، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ (18 مىڭ مانجۇ بار)، گەنسۇ، نىڭشىيا، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە (ئاپتونۇم رايون) لەر ۋە كۆكخوت، بېيجىڭ، تيەنجىن، چېڭدۇ، شىئەن، گۇاڭجۇ، خاڭجۇ قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 9 مىليون 821 مىڭدىن كۆپرەك. مانجۇلار ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى مانجۇ - تۇڭگۇس تىللىرى گۇرۇپپىسى مانجۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە مانجۇ تىلىنى قوللانغان. خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىدۇ. مانجۇلار تارىختا ⅩⅣ ئەسىردە ئىجاد قىلىنغان مانجۇ يېزىقىنى قوللانغانىدى، بىراق ھازىر كۆپىنچىسى خەنزۇ تىل - يېزىقىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىدۇ. مانجۇلارنىڭ ئەجدادلىرى چىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي - شىمالىدا ياشىغان <سۇشىنلار>، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى <يىلۇلار>، سۈي - تاڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدىكى <مۇخېلار>، <جۇرجىتلار> (نيوجىنلار) ۋە باشقا قەدىمكى قەبىلە - قوۋملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مانجۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (80 پىرسەنتتىن كۆپرەكى) دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شەھەردىكىلىرى ئىچىدە ئىشچىلار، زىيالىيلىرى بىر قەدەر كۆپ. مانجۇلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە خەنزۇلارغا ئوخشايدۇ، بىراق ئاھالىسىنىڭ ئاز بىر قىسمى خرستىئان دىنى ، شامانىزم ۋە لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بولۇپمۇ شامانىزىمنىڭ تەسىرىنى مانجۇلار ئىچىدىن كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مانجۇلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت ـ بايراملىرى 30 دىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ھېيت - بايراملىرىدىن چاغان (باھار بايرىمى)، چوكانتال، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى، لابا بايرىمى، پانۇس بەزمىسى قاتارلىق ھېيت - بايراملىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. مانجۇلاردا ئاساسەن بىر ئەر - خوتۇنلۇق ئائىلە - نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. مانجۇلاردا يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ئۈچ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ھەر قېتىمدا بىر بوتۇلكا ھاراق كۆتۈرۈپ بارىدۇ، ئۈچىنچى قېتىم قىز تەرەپ جاۋاب قايتۇىدۇ. شۇڭا مانجۇلاردا <ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىش - چىقماسلىقى ئۈچ بوتۇلكا ھاراققا باغلىق> دەيدىغان تەمسىل بار. مانجۇلارنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن سامان توپنى سانجىۋېلىش، ئات ئويۇنى، تۆگە ئويۇنى مۇسابىقىسى ۋە چاڭغا تېيىلىش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىقلار بار. مانجۇلارنىڭ پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ. ئۇلار ئۆينىڭ غەرب تەرىپىدىكى كاڭدا ئادەتتىكى كىشلەر، بولۇپمۇ ياشلار ئولتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ، غەربىي تەرەپتىكى كاڭدا ئاياللار تۇغۇشقا بولمايدۇ. مانجۇلار ئىت بىلەن قاغىنى مۇقەددەس بىلىدۇ. شۇڭا ئىتنى ئۆلتۈرمەيدۇ، گۆشىنى يېمەيدۇ، تېرىسىدىن تىكىلگەن قۇلاقچا كېيمەيدۇ. قاغىغا چوقۇنىدۇ. مانجۇلار ئۇزاق تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى بولغان جۇرجىتلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ئاساسىدا خەنزۇ، موڭغۇل ۋە چاۋشىيەن قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق ۋاقىت بېرىش - كېلىش قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن دۇنياغا مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەر - <قىزىل راۋاقتىكى چۈش> نىڭ ئاپتورى ساۋشۆچىن، <پەرزەنت قەھرىمانلىق قىسىسى> نىڭ ئاپتورى ۋېن كاڭ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكەن <سۇ ئېچىش بېيتلىرى>، <قىڭغىر مالخاي> نىڭ ئاپتۇرى شائىر تاران شىڭدې، ئوردا شائىرلىرى دۇن چىڭ، دۈن مى، يۇڭ جۇڭ، تىلشۇناس لوچاڭپېي، ماتېماتىك ئۇگۇگۇ، لوشىلىن، تېۋىب ۋېن تۇڭ قاتارلىق مەشھۇر كىشلەر يېتىشىپ چىققان. مانجۇلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە. مانجۇلارنىڭ رىۋايەتلىرىدىن: <مۇدەنجياڭ ھەققىدە قىسسە>، <نانا رىۋايىتى> قاتارلىقلار بار؛ داستانلىرىدىن: <شامان - نىسان> (شامان قىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەشھۇر بولۇپ، ئۇنىڭدا مانجۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، تارىخىي، ئەخلاقىي كۆز قاراشلىرى ۋە مىللىي ئەنئەنىسى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىلگەن. مانجۇ ئاياللىرى قەغەز قىيمىچىلىقى بىلەن كەشتىچىلىككە ماھىر كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر