UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركانكىئولار

كانكىئولار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كانكىئولار ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەتلەردىن بىرى. ئۇلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن مىلادى ⅩⅣ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە ھازىرقى ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي، ئارال دېڭىزى بىلەن بالقاش كۆلى ئارىلىقىدىكى جايلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. كانكىئولار دەسلەپ شامان دىنى، كېيىن بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلىپ، غەربىي يۇرتتىكى بۇددىتلارنىڭ مەركىزى بولغان. كاكىئولار ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپسىغا تەۋە تۈرك تىلىنى قوللانغان. كانكىئولار قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇسۇن، ئائۇرسى، سوغدىيانا ۋە فەرغانە قاتارلىق بەگلىك دۆلەتلەر بىلەن چېگرداش بولۇپ، كانكىئولار زېمىنىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغۇچىلار چارۋىچىلىق بىلەن، جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغۇچىلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىىپ كەلگەن. <خەننامە> قاتارلىق خەنزۇچە يازما يادىكارلىقلاردا قەيىت قىلىنىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ئەلچىسى جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن ئەلچىسىنى كانكىئورلارغا ئەۋەتىپ، كانكىئولار بىلەن رەسمىي بېرىش - كېلىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان. كانكىئو خانى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 32 - 7 - يىللىرى ئۆزىنىڭ ئوغلىنى خەن سۇلالسىى ئوردىسىغا خاس مۇلازىم قىلىپ ئەۋەتكەن. كانكىئولارنى مىلادى Ⅴ ئەسىردە ئېفتالىتلار بېسىۋالغان، Ⅵ ئەسىردە تۈركلەر بېسىۋالغان، Ⅸ ئەسىردە قارلۇغلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان، ⅩⅡ ئەسىردە قارا قىتانلار، ⅩⅢ ئەسىردە موڭغۇللار ئىستېلا قىلىۋالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كانكىئولار ھەققىدە يازما ھۈججەتلەر، ئېنىق مەلۇمات كەم ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىن بېرىپ ھازىرقى قازاق، ئۆزبېك ۋە قارا قالپاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. كانكىيە (康居) - غەربىي يۇرتتىكى بەگلىك دۆلەت نامى. ئورنى ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بالقاش كۆلى بىلەن ئارال دېڭىز ئارلىقىدا بولۇپ، شىمالىي قىسمى قۇملۇق، جەنۇبىي قىسمى بوستانلىق ئىدى، شۇڭا جەنۇبىي قىسمى يەنى ھازىرقى بۇخارادىن تاشكەنت شەھىرىگە قەدەر بولغان جايلاردا بىر قانچە شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنى كىچىك بەگلەر باشقۇراتتى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 44 - يىلى ھۇن تەڭرىقۇتى قۇتئۇش (؟ ـ 36) غەربكە قېچىپ بارغاندىن كېيىن، كانكىيە پادىشاھى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇسۇنلارنىڭ بارگاھى (مەركىزى) قىزىل قورغانغا ھۇجۇم قىلىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتا تۇرۇشلۇق قورۇقچىبېگى گەن يەنشۇ بىلەن ئورۇنباسار چاۋۇشبېشى چېن تاڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 36 - يىلى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ لەشكەر باشلاپ، قىزىل قورغانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ قۇتئۇش تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرگەن، شەرقىي خەن دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنىڭ زېمىنى كېڭىيىپ ئائۇرسى، سوغدى (ھازىرقى زەرەپشان ۋادىلىرى) قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى كانكىيىگە قارام بەگلىكلەرگە ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر