UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسۇدان نېگىرلىرى

سۇدان نېگىرلىرى

دۇنيادىكى مىللەتلەر سۇدان نېگىرلىرى قىسقىچە <سۇدانلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇدان نېگىرلىرى غەربىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى 20 دەك ئەلدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى ھەمدە سۇدان، كامېرون ۋە ماۋرىتانىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. سۇدان نېگىرلىرى ئاساسەن سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى نېگىر دەرياسى، چاد كۆلى ۋە نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىمى رايونىدىكى 20 نەچچە دۆلەتتە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 137 مىليون 510 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن ئافرىقا نوپۇسىنىڭ 34 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ ھەمدە سۇدان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. سۇدان نېگىرلىرى نېگىر ئىرقىنىڭ قەدىمكى تارمىقىغا كىرىدۇ. ئۇلار ئولتۇراقلاشقان تېررىتورىيىسىگە قاراپ غەربىي، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي سۇدان نېگىرلىرى دەپ ئۈچ تارماققا بۆلۈنىدۇ. غەربىي سۇدان نېگىرلىرىغا ماندېلار بىلەن سېنېگامبىيلار ۋەكىللىك قىلىدۇ، شەرقىي سۇدان نېگىرلىرى ئاساسەن نىلوتلار (نوپۇسى 15 مىليون) دىن ئىبارەت. غەربىي سۇدان نېگىرلىرى سونخاي مىللەتلىرى بىلەن خائۇسا مىللەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسىغا تەۋە تىللارنى قوللىنىدۇ؛ ئوتتۇرا سۇدان نېگىرلىرى بىلەن شەرقىي سۇدان نېگىرلىرى نىلوت - سەھرا تىللىرى بىلەن سام - ھام تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە تىللارنى قوللىنىدۇ. سۇدان نېگىرلىرى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر بىلەن ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغام، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن. سۇدان نېگىرلىرى Ⅶ ئەسىردىن كېيىن تاكرول، گانا، مالى، سونخاي، كانىم، بورنۇ قاتارلىق دۆلەتلەرنى بەرپا قىلغان. سۇدان نېگىرلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن؛ غەربىي ۋە ئوتتۇرا سۇدان نېگىرلىرىنىڭ سودا ئىشلىرىمۇ بىر قەدەر راۋاجلانغان. سۇدان نېگىرلىرىدا كۆپىنچە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئومۇمەن ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ.سۇدان نېگىرلىرىگە تەۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ئۆزئارا پەرقلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
سۇدان نېگىرلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki