UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرماداغاسقارلىقلار

ماداغاسقارلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ماداغارسقارلىقلار <مالغاشلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ماداغاسقارلىقلار - ماداغاسقاردا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. نوپۇسى 9 مىليون 310 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 6.98 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئاز بىر قىسمى ھىندى ئوكياندىكى سوكوترا، كومورو، سېشىل ۋە رىئونىئون تاقىم ئاراللىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ماداغاسقارلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ مالاي تىپىغا كىرىدۇ. ماداغاسقارلار جەنۇبىي ئارال تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مالغاش دىئالېكتى بىلەن سۆزلىشىدۇ، بىر قىسىم ئاھالىلىرى فرانسۇزچە سۆزلىشىدۇ، لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ماداغاسقارلىقلارنىڭ 20 پىرسەنتى كاتولىك دىنى ۋە پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ، 50 پىرسەنتى ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، كۆپ خىل ئىلاھقا چوقۇنىدۇ، 10 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ماداغاسقارلىقلارنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىندۇ. دېھقانچىلىقتا شال، قەھۋە، شېكەر قومۇچى، كېۋەز، قەلەمپۇر، مانىخوت قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. ماداغاسقارلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ھىندونېزىيىلىكلەر، بانتۇلار، ئەرەبلەر، پارىسلار ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن خېلى كۆپ كىشلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى ھېلىمۇ ساقلاپ كەلمەكتە. ماداغاسقارلىقلار بىر نەچچە تەبىقىگە بۆلۈنىدۇ، تەبىقىلەر ئارا نىكاھلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، مال - مۈلۈككە ئاتا جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. ماداغاسقار مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېيت - بايراملىرى ئىچىدە ئەنئەنىۋى قۇربان ھېيت، روزا ھېيتتىن باشقا، يېڭى يىل بايرىمىمۇ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۇلار يېڭى يىلغا بىر ھەپتە قالغاندا گۆش ئىستېمال قىلمايدۇ. يېڭى يىل كۈنى بىر جۈپ ئەر - خوتۇتلار ھۈرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بىر - بىرىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا توخو قۇيرۇقى، ئاكا - ئۇكا ۋە ھەمشىرىلىرىگە توخۇ پاچىقى تەقدىم قىلىشىدۇ. ماداغاسقارلىقلارنىڭ يىگىت - قىزلىرى ئىچىدە دېڭىزغا چۈشۈپ سۇ ئۈزۈپ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈش ئادىتى ساقلاپ قېلىنغان. بۇ ئادەت بويىچە توي مەرىكىسى كۈنى يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرى يىگىت بىلەن قىزغا تويلۇق كىيىملىرىنى كېيدۈرۈپ دېڭىز بويىغا ئېلىپ كېلىدۇ، يىگىت بىلەن قىز تويلۇق كىيىم - كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىنى كېيىشىپ، دېڭىزغا چۈشۈپ سۇ ئۇزىدۇ، ئاندىن قىرغاققا قايتىپ چىقىپ، قايتىدىن تويلۇق كىيىم - كېچەكلىرىنى كېيىشىپ، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ توي مەرىكىسنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ <سۇ ئۈزۈپ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈش> دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىدارلار مېيتنى چۆرىدەپ ناخشا ئېيتىپ، قوشاق قېتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ مەرھۇمغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ خىل دەپنە مۇراسىمى <تەبەسسۇم بىلەن دەپنە قىلىش> دەپ ئاتىلىدۇ. تەزىيە پائالىيىتى بەزى قەبىلىلەردە بىر ئاي داۋام قىلىدۇ. مېيت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، مەرھۇم ئەر بولسا ئۇنىڭ ئايالى بىلەن قىزلىرى چاچلىرىنى چۈشۈرىۋېتىپ تاقىر باش بولىۋالىدۇ. مەرھۇم ئايال بولسا ئۇنىڭ ئېرى ۋە ئوغۇل بالىلىرى چاچ - ساقاللىرىنى بىر يىل قويۇپ بېرىدۇ، بىر ئىچىدە ھاراق ئىچمەيدۇ. ماداغاسقارلىقلار مېيتنى دەپنە قىلىپ يىلى توشقاندا يەتتە كېچە - كۈندۈز خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. ماداغاسقارلىقلار بىر نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئەجدادلىرىنىڭ جەسىتىنى قەبرىستانلىقتىن ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېلىپ ساقلايدۇ، ئاخىرەتلىك كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ قايتىدىن دەپنە قىلىدۇ. ماداغاسقارلىقلار كالا، لېمور مايمۇنى بىلەن راۋىنالا دەرىخىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە تېۋىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر