UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئاسانتىلار

ئاسانتىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئاسانتىلار گانادا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسلىدە ئاكان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسلىدە ئاكان مىللەتلەر تۈركۈمىنىڭ بىر تارمىقى. نوپۇسى 2 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 6.24 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار گانانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاسانتى رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاسانتىلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، ئاسانتىلار نېگىر - كوردۇفان تىللىر سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ كۋا تىللىرى تارمىقىغا تەۋە ئاكىن تىلىنىڭ ئاسانتى دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ يېزىقى بار. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ياكى خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاسانتىلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كاكائو، كۆممىقوناق، شال، تېرىق قاتارلىقلارنى ئۆستۈرىدۇ. ئاسانتىلار ئۆز ئىچىدىن يەنە ئۇيۇكۇ، ئاخانتا، ئاسېن - تۋىغۇ ۋە ۋاسا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئاسانتىلار ⅩⅦ - ⅩⅧ ئەسىرلەردە ئويوكولارنى ئاساس قىلىپ، كوماسىنى مەركەز قىلغان ھالدا كۈچلۈك ئاسانتى دۆلىتى بولۇپ ئۇيۇشقان. ئاسانتىلار ئەنگلىيىنىڭ كۆپ قېتىملىق تاجاۋۇزىنى تارمار قىلغان ھەمدە ئۇزاق ۋاقىت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 1957 - يىلى 6 - مارت مۇستەقىل بولۇپ، 1960 - يىلى 1 - ئىيول گانا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئاسانتىلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئاسانتىلارنىڭ ئەڭ چوڭ مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى <ئودۋۇرا> بايرىمى بولۇپ، ئاساسەن ئەرۋاھلارنىڭ، بولۇپمۇ رىۋايەتتىكى پادىشاھنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىش، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قەبىلىلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش مەزمۇن قىلىنىدۇ. ئاسانتىلار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە سەنئەت ماھارىتى بىلەن دۇنياغا داڭ چىقارغان، بولۇپمۇ ئاسانتىلار ناخشا ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپ، <ئافرىقا ئۇسسۇل ماكانى> دەپ نامى بار، ھەتتا ئۇلار مېيتنىمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي ناخشا - ئۇسسۇللىرى بىلەن ئۇزىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئاسانتىلار | UyghurWiki | UyghurWiki