ماۋرىتانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ماۋرىتانلار غەربىي ئافرىقا مىللەتلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئۇلار غەربىي سەھرا ئەرەبلىرى ياكى <موئۇرلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 75 پىرسەنتى ماۋرىتانىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 124 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا غەربىي سەھرا، مالى، نىگېر قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر قىسىم ماۋرىتانلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
ماۋرىتانلار نېگىر ئېرقىنىڭ سودان تىپى تەركىبى ئارىلاشقان ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ.
ماۋرىتانلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىدە ئەرەب بەربەرلىرى قان سىستېمىسىدىن بولغان موئورلار 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغىنىنى سۇدان نېگىرلىرى ئىگىلەيدۇ.
تىل جەھەتتە ماۋرىتانلار ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى ھام - سام تىللىرى سىستېمسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر فرانسۇزچە سۆزلىشىدۇ.
ئىسلام دىنى ماۋرىتانلاردا دۆلەت دىنى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ ھەننىۋاسى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشى شەرت قىلىنىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتى چارۋىچىلىق، ئاز قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. چارۋىچىلىقتا تۆگە، كالا، قوي، ئات قاتارلىقلار بېقىلىدۇ.
ماۋرىتانىيىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردىلا نېگىرلار ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ياراتقان.
ماۋرىتانلار ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مىللەت بولغاچقا، ئۇلار چېدىر تىكىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھازىر بىر قىسىم دۆلەتمەن كىشىلەر گەرچە ئالىي دەرىجلىك بىنالارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قورۇ ئىچىگە ياكى شەھەر ئەتراپىغا چېدىر تىكىپ ئولتۇرۇش ئادىتىنى تاشلىمىغان. ھەتتا ئېسىل مېھمانلىرىنىمۇ چېدىردا كۈتۈۋالىدۇ. دۆلەت باشلىقى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت بايرىمى زىياپىتىنىمۇ ھېدىردا ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا ماۋرىتانىيىنىڭ <ھېدىر ئېلى> دېگەن نامى بار.
ماۋرىتانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى <گوس - گوس> ياكى <گوسمى> دەپ ئاتىلىدىغان تېرىق ياكى گۈرۈچ ئۇنىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنى ئادەتتە سەيگە ئارىلاشتۇرۇپ قول بىلەن يەيدۇ. چاي بىلەن تۆگە سۈتىنى ۋە قېمىزىنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا نوپۇسى 2 مىليونغا يەتمەيدىغان ماۋرىتانلار يىلىغا 2 مىڭ توننا چاي ئىستېمال قىلىدۇ.
ماۋرىتانلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا <بوبو> دەپ ئاتىلىدىغان ئەرەبچە ئاق نىمچە كېيىپ، بېشىنى ئاق ياغلىق بىلەن ئورىۋالىدۇ، ئاياللىرى ياش قورامىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان رەڭلىك رومال بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى ئورىۋالىدۇ.
ماۋرىتانلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ، ھەمدە روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي بايراملىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
ماۋرىتانلار مېھماندوسىت كېلىدۇ، ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارنى كالا، قوي سويۇپ، كاۋاپ بىلەن مېھمان قىلىدۇ ھەم تۆگە قىمىزى بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، ئەمما ئاياللار ئەر مېھمان بىلەن كۈرۈشمەيدۇ، ماۋرىتانلارنىڭ مېھمانغا بېرىدىغان ئەڭ ئېسىل تائامى <مېشۋې> (پۈتۈن كاۋاپ قىلىنغان قوي) دەپ ئاتىلىدۇ.
ماۋرىتانلارنىڭ ئاياللىرى سېمىزلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەرمۇ قىزلارنىڭ سېمىزلىكى گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ.
ماۋرىتانلار باشقىلارنىڭ ئاياللىرىدىن قانچە بالىسى بارلىقىنى سوراشنى يامان كۆرىدۇ، بالا تۇغۇلغاندا بالىنىڭ بېشىغا 49 كۈنگىچە پىچاق قوپۇپ قويۇش ئادىتى بار