خالخا موڭغۇللىرى
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خالخا موڭغۇللىرى <گوبىي (شىمالىي چۆللۈك) خالخا موڭغۇللىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت، ئېلىمىزدىكى موڭغۇللار بىلەن ئوخشاش ئېتنىك مەنبەگە ئىگە. نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 455 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا روسىيىدىمۇ بىر قىسىم خالخا موڭغۇللىرى تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
خالخا موڭغۇللىرى موڭغۇل ئىرقى مەركىزىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى موڭغۇل تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە موڭغۇل تىلنىڭ خالخا دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ.ⅩⅢ ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقىنى بەرپا قىلىپ ئۇزاق ۋاقىت قوللىنىپ كەلگەنىدى.ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىن باشلاپ، سىلاۋيان ھەرىپىنى ئاساس قىلغان ئېلىپبەلىك يېڭى يېزىققا كۆچكەن.
خالخا موڭغۇللىرىنىڭ كۆپىنچىسى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، جۈملىدىن شامانىزمنىڭ تەسىرى ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە.
خالخا موڭغۇللىرى ئەزەلدىن چارۋىچىلىق بىلنە شۇغۇللىنىپ كەلگەن مىللەت بولۇپ، ئاساسەن قوي، كالا، ئات، تۆگە باقىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى رايونلىرىدىكى ئاھالىلىرى يېزا ئىگىلىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، كانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى، شۇنداقتىمۇ چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 70 - 80 پىرسەنتىنى، ئېكىسپورتنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.خالخا موڭغۇللىرى ئىچكى جەھەتتە زاسكتۇ، ئوشېتۇ، چېتسىن دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
خالخا موڭغۇللىرىنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرار جاي، ھېيت - بايرام قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى ئېلىمىزدىكى موڭغۇللارنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
خالخا موڭغۇللىرىنىڭ ئاساسلىق يېمىكى سۈت، قايماق، گۆش، ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ، قىمىزگە ئامراق كېلىدۇ، ناسىۋال چېكىدۇ.
خالخا موڭغۇللىرى ئۇزاق ۋاقىت كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا، ئۆزگىچە بولغان كىيىم - كېچەك، يەنى موڭغۇلچە زىغزىقلىق ئۇزۇن نىمچا، پوتا (بەلباغ) ئۆتۈك ۋە شىلەپە (قالپاق) نى شەكىللەندۈرگەن.
خالخا موڭغۇللىرى كەلگەن مېھمانلارنى ئالدى بىلەن سۈتلۈك چاي، قايماق، قىمىز بىلەن كۈتىدۇ، ئارقىدىن مېھماننىڭ ئالدىغا پۈتۈن قوي گۆشى كەلتۈرىدۇ، ئېزىز مېھمانلىرىغا <خادا> تەقدىم قىلىدۇ، جۈملىدىن ئۆزئارا ناسۋال قاپىقىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ھال - ئەھۋال سورايدۇ، ياشانغانلارغا ئېگىلىپ تازىم قىلىدۇ، ئاتلىق بولسا شۇئان ئاتتىن چۈشۈپ ئۆتىدۇ، تاماققا بىرگە بولغاندا، تۆرگە تەكلىپ قىلىپ تائامنى شۇلاردىن باشلايدۇ.
خالخا موڭغۇللىرىنىڭ دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بىلەن جۇڭگو موڭغۇللىرىنىڭ ھېيت - بايراملىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، خالخا موڭغۇللىرى <نادام> يىغىلىشى، <ئوۋو> غا ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىش، ساغان قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.
خالخا - موڭغۇللىرىنىڭ ساغان بايرىمى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى يىل ياكى باھار بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.
خالخا موڭغۇللىرى قەدىمدىن تارتىپ كۆك، قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك نەرسىلەرنى قەدىرلەپ كەلگەن، ئۇلار قىزىل (<ئولان>) رەڭنى بەخت - سائادەت، غالىبىيەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، شۇڭا موڭغۇل قىزلىرى بېشىغا قىزىل لېنتا تاقاپ يۈرۈيدۇ. كۆك رەڭ (<خۇخېي>) نى مەڭگۈلۈك سەمىمىي - ساداقەت، قەيسەر - سوباتلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، يەر - جاي ناملىرىغىمۇ كۆپرەك كۆك رەڭنى قوشۇپ ئاتايدۇ، ئاق رەڭ (<ساغان>) نى ساپلىق، مەسۇملۇق، ئادالەت - خالىسلىق، گۈزەللىك، خەير - ساخاۋەتنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ، شۇڭا خالخا موڭغۇللىرى ئېزىز مېھمانلىرىغا ئاق خادا تەقدىم قىلىدۇ، يېڭى يىل بايرىمىنىمۇ <ساغان بايرىمى> دەپ ئاتايدۇ.
خالخا موڭغۇللىرى داستان، ھېكايە ناخشا ۋە قوشاق ، ماقال - تەمسىللەرنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە <جاڭغىر قىسىسى> بىلەن <خان خاروڭخۇ> ھېكايسى خېلى كەڭ تارقالغان.
خالخا موڭغۇللىرى ئېلىمىزدە ياشىغۇچى موڭغۇللارغا ئوخشاش مول تارىخىي يازما مىراسلارغا ئىگە مىللەت، بۇ مىراسلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن سالنامىلەر، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ۋارسلىرىغا توقۇلغان مەدھىيە - ناخشا، قوشاق، بېيتلار، مەڭگۈ تاش ۋە يادنامىلەر قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلاrنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1240 - يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن <ئالتان توپچىيان> (موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مۇنەۋۋەر تارىخىي ۋە ئەدەبىي كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ، جەمئىي 12 جىلد 282 پاراگراپتىن تەشكىل تاپقان.
خالخا موڭغۇللىرىنىڭ يەنە <ئالتۇن دەپتەر>،<كۆك دەپتەر قىسسىلىرى> قاتارلىق تارىخىي، ئەدەبىي يازما يادىكارلىقلىرىمۇ بار.
خالخا موڭغۇللىرى ئىچىدە زاڭزۇ تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا مەجمۇئەسى - <گەنجۇر>،<دەنجۇر> قاتارلىقلار خالخا موڭغۇللىرى ئىچىگە بىر قەدەر كەڭ تارقالغان.
خالخا مۇڭغۇللىرى قەيسەر ھەم مەرگەن كېلىدۇ، ئات بەيگىسى، ساداق (ئوقيا) ئېتىش، چېلىشىش خالخا موڭغۇللىرىنىڭ ئەرلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ چوڭ ماھارەت ھەم ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، قارا رەڭ (<خال>) نى خالخا موڭغۇللىرى ئەڭ يامان كۆرىدۇ، ئۇنى بىتەلەيسىزلىك، بەخىتسىزلىك، نامراتلىق، بىۋاپاسىزلىق، ھەسەتخورلۇق، زالىملىق، رەزىللىك، ئادالەتسىزلىكنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ.
خالخا موڭغۇللىرى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى، ئۆزى باققان چارۋىلارنىڭ ئوغۇز سۈتىنى باشقىلارغا سېتىشنى يامان كۆرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە يات كىشلەرنىڭ قولىغا قامچا ياكى تاياق ئېلىپ ئۆيگە كىرىشىنى ئېغىر ئالىدۇ.خالخا موڭغۇللىرى ئوچاق بېشىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشنى، ئوچاققا پۇتىنى قاقلاپ يېتىشنى، غاڭزا ياكى كىشى بېشىغا تەڭلەشنى ئېغىر ئالىدۇ.
خالخا موڭغۇللىرى ئوتنى بەختنىڭ مەنبىئى ۋە گۈللەپ ياشناشنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
خالخا موڭغۇللىرى ئىتنىمۇ ئۇلۇغلايدۇ، شۇڭا ئىت تېرىسىدىن تىكىلگەن قۇلاقچا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.
خالخا موڭغۇللىرىدا ئىسىم ئالدىدا، فامىلىسى ئاخىرىدا كېلىدۇ، ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىدۇ.