خۇتۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خۇتۇلار راۋاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <باخۇتۇلار>، <ۋاخۇتۇلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نوپۇسى 3 مىليون 570 مىڭ بولۇپ، رۋاندا جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇندى جۇمھۇرىيىتىدىمۇ 3 مىليوندەك خۇتۇ بار.
خۇتۇلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى شىمالىي بانتۇ تىللىرى تۈركۈمىگە تەۋە نىيارۋا ندا تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ.
خۇتۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كاتولىك دىنى ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئاھالىسنىڭ بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
خوتۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بانان، باتات، قەھۋە، چاي قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر بىلەن كۆممىقوناق، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. ئاھالىلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
خۇتۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بانتۇ نېگىرلىرى بولۇپ، ئۇلار مىلادىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە غەربىي شىمال تەرەپتىن (كونگو ئويمانلىقىدىن) ھازىرقى رۋاندا تەۋەسىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئوتتۇرا ئەسىردە بەزى فېئودال دۆلەتلەرنى بەرپا قىلغان.
خۇتۇلار نىيارۋاندالار بىلەن رۇندىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ياكى ئۇلارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تۇرمۇش ئۆرپ ـ ئادەتلىرى نىيارۋاندا ۋە رۇندىلار بىلەن ئۇخشىشىپ كېتىدۇ، خۇتۇلارنىڭ بويى ئېگىز بولۇپ، ئادەتتە بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2 مېتىر كېلىدۇ.
خۇتۇلار نەرسە - كېرەكلەرنى بېشىدا كۆتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلاردا قېرى - ياش، ئەر - ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىر قاپ سەرەڭگىدىن تارتىپ نەچچە ئون كىلوگرام ئاشلىق ھەتتا سۇ ئىدىشىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، قۇرۇق قول كېتىۋېرىدۇ. بۇ ئۇلاردا ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، لېكىن باشقا مىللەتلەرگە ئاجايىپ غەلىتە كۆرۈنىدۇ، شۇڭا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ خىل مەنزىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان سەيلى - ساياھەتچىلەر خۇتۇلار رايونىغا كېلىپ تۇرىدۇ.
(<نىيارۋاندلار>، <رۇندىلار> غا قاراڭ).