UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتۇجيالار

تۇجيالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر تۇجيالار ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى <بىسكالار>(يەرلىك مەنىسىدە) <خەنزۇلار>،<تۇدىنلار>،<تۇلار>،<تۇمىنلار>،<تۇجيالار>دەپ ئاتاپ كەلگەن. تۇجيالار ئاساسەن خۇنەن، خۇبېيى، سىچۈەن ۋە گۇيجۇ ئۆلكىلىرىنىڭ چىگرىسىدىكى تاغلىق رايونغا يەنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر قىسىم ناھىيىلەردىكى خەنزۇلار، مياۋزۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 5 مىليون 704 مىڭ. تۇجيالار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بىر خىل مۇستەقىل تۇجيا تىلىنىڭ ئىككى چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق، خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىدۇ، بولۇپمۇ خۇبېي، سىچۈەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر تەۋەسىدە ياشىغۇچى تۇجيالار ئاللىبۇرۇنلا خەنزۇ تىلىنى قوللىنىپ كەلگەنىدى، پەقەت ئاز سانلىق كىشلەرلا تۇجيا تىلىنى بىلىدۇ. تۇجيالار ئاساسەن كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلىش ۋە ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنۇش ئادەرلىرىنى ساقلاپ قالغان، ئاز بىر قىسمى لاما دىنىغا، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تۇجيالار ئاساسەن يېزا ئىگىلىكى، قوشۇمچە ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە شال، بۇغداي، كۆممىقوناق ۋە قىچا، تاماكا، كەندىر قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. تۇجيالارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشىغان <بالەر> بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بار، بەزىلەر تۇجيا مىللىتى قەدىمكى زاماندا گۇيجۇ ئەترەپى، خۇنەن ئۆلكىسىدىن كۆچكەن <ۋۇمەن> (قارامەرچىلەر) قەبىلىلىرىنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدۇ، بەزىلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىن بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلىدە جياڭشى ئۆلكىسىدىن خۇنەن ئۆلكىسىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ. تۇجيالار بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق (بولۇش) نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان، تۇجيا قىزلىرىدا ياتلىق بولغان كۈنى يىغلاش ئادىتى بار، ئۇلار يىغلاشنى بىلىش - بىلمەسلىكنى قىزنىڭ ئەخلاقلىق ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم دەپ قارايدۇ. تۇجيالار بۇرۇن مېيتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلاتتى. ھازىر مېيىتنى كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، مېيتنى داقا - دۇمباق ۋە ئۇسسۇل بىلەن ئۇزۇتۇپ قويىدۇ. تۇجيالار خەنزۇلارنىڭ تەسىرىنى خېلىلا بۇرۇن قوبۇل قىلغانلىقتىن، كۆپىنچىلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى خەنزۇلارغا ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تۇجيالاردا يېڭى يىل (چاغان) بايرىمى، كالا ئىلاھى بايرىمى، ئات ئوينىتىش بايرىمى، 15 - ماي تاڭزوڭزا بايرىمى، 8 - ئاپرىل بايرىمى، 6 - ئىيۇن بايرىمى ۋە 15 - ئىيون بايرىمى قاتارلىق 20 دەك دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايرىمى ھەر يىلى قەمەرىيە بويىچە 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى لەيفېڭ ناھىيىسىدىكى تۇجيا خەلقىنىڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇجيالار قىزغىن مېھماندوست كېلىدۇ، ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارنى گۆش، ھۈلمەن چاي، ھاراق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، تۇجيالار گۈزەل ئەخلاققا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، چوڭلارنى ھۈرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدۇ، ياشلار - چوڭلار ئالدىدا قىلچىمۇ بىئەدەبلىك قىلمايدۇ، نەرسە - كېرەكلەرنى قوش قوللاپ سۇنىدۇ، ئېغىر كۈنلەردە ئۆز - ئارا ياردەملىشىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ھېسابلايدۇ، بىر - بىرىنىڭ مال - مۈلكىگە قارا سانىمايدۇ. تۇجيالار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە. تۇجيالارنىڭ <جاڭ گۇلاۋنىڭ يەر - زېمىننى بويسۇندۇرۇشى>، <مىسەننىڭ يولۋاسنى ئۆلتۈرۈشى>، <توپان بالاسى> قاتارلىق ئېپوسلىرى ۋە <جىنجى> قاتارلىق خەلق داستانلىرى بار، تۇجيالاردا ناخشا - قوشاقلار تۈرى كۆپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولىدۇ. تۇجيالار بۈركۈت بىلەن ئىتنى مۇقەددەس دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر