پورتۇگاللار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
پورتوگاللار پورتۇگالىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 9.74 پىرسەنتى پورتۇگالىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 9 مىليون 785 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 7.99 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، 15 پىرسەنتى يەنى 2 مىليوندىن كۆپرەكى فرانسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، برازىلىيە،كانادا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 13 مىليون 410 مىڭدىن كۆپرەك.
پورتۇگاللار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە پورتۇگال تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
پورتۇگاللارنىڭ 90 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پورتۇگاللارنىڭ 70 پىرسەنتى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، زەيتۇن ۋە مېۋە - چېۋە يېتىشتۈرىلىدۇ. پورتۇگاللار يېتىشتۈرگەن زەيتۇن مېيى، ئۈزۈم ۋە كۆكتات قاتارلىقلار چەتكە ئىمپورت قىلىنىدۇ.
پورتوگاللارنىڭ ئەجدادلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 2 - 3 مىڭ يىللىق مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000 - يىللىرى كەلگەن فىنكىيىلىكلەر، گرېكلار ۋە كارپاگىنلار، Ⅴ ئەسىردە بۇ يەرگە كەلگەن كېلىتلار بىلەن يەرلىك ئىبېرلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان لۇزىتانلار ھەمدە گېرمانلار، ئەرەبلەر، نېگىرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلىپ، كۆپلىگەن قەبىلە - قوۋملارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلۇشى ئارقىلىق مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
پورتۇگاللارنىڭ روژدېستۋو، پاسخا ۋە يىڭى يىل، شەھەر بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار.
پورتۇگاللارنىڭ شەھەر بايرىمى ئۆزگىچە مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلى 6 -ئاينىڭ ئاخىرىدا ھەممە شەھەرلىرىدە ئۆز شەھىرىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.پورتۇگاللارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى بۇقا بىلەن ئېلىشىش ماھارىتى كۆرسىتىش بولۇپ، بۇ ئىسپانلارنىڭ بۇقا بىلەن ئېلىشىش ئويۇنىغا ئانچە ئوخشىمايدۇ، ئىسپانلارنىڭ بۇ ئويۇنى بۇقىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئاياغلىشىدۇ، پورتۇگاللارنىڭ بۇقا بىلەن ئېلىشىشى جانغا زامىن بولمايدۇ.پورتۇگاللاردا بۇقا بىلەن ئېلىشىش ۋە بۇقا ئۈسۈشتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش ئادىتى بار.
پورتۇگاللارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل ۋە موزىكىسى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە بولۇپ، ھازىر دۇنياغا كەڭ تارالغان تانسا مۇزىكىسى - <زامبا> پورتۇگاللارنىڭ دۇنيا مۇزىكا خەزىنىسىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.
پورتۇگاللارنىڭ ئەر - ئايال، قېرى - ياشلىرىنىڭ ھەممىسى تاماقتىن ئاۋۋال ۋە تاماقتىن كېيىن ۋىنو ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
پورتۇگاللاردا ئەرلەر ھۆكۈمران كېلىدۇ، قىزلارنىڭ ئۆزىگە ئەركىن جورا تېپىشى قىيىن بولىدۇ، شۇڭا بەزىلەر بۇ جاينى <ئەرلەر دۇنياسى> دەپ ھېسابلايدۇ.
پورتۇگاللار بىر خىل خۇشپۇراقلىق ئوستى قۇددۇس گۈلى بىلەن لاۋاندا (بىر خىل خۇشپۇراق چۆپ) نى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى مىللىي ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، باراۋەرلىك، جەڭگىۋارلىقنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىپ دۆلەت گۈلى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ گۈلى مۇئەييەن ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان پۇراقلىق ماي پورتۇگاللارغا زور مىقتارداتاشقىي پېرېۋوت يارىتىپ بېرىدۇ.
پورتۇگاللار يېڭى يىل كۈنىدىكى ھاۋا رايىغا قاراپ بىر يىللىق ئەھۋالنى ئالدىدىن مۆلچەرلەش ئادىتى بار، ئۇلار يېڭى يىل كۈنى جەنۇب شامىلى چىقسا، يېڭى بىر يىلدا يامغۇر - يېغىن جايىدا بولۇپ، ئاسايىشلىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ غەرب شامىلى چىقسا بېلىق كۆپ، سۈت مول بولىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ شەرق شامىلى چىقسا، مېۋە - چېۋە مول بولىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ شۇنىڭدەك يېڭى يىلنىڭ 12 كۈنىدىكى ھاۋا رايىغا قاراپ، 12 ئاينىڭ ھاۋا كېلىماتىنى ئالدىدىن مۆلچەرلەيدۇ....
پورتۇگاللار گۈل - گىياھ ۋە دەل - دەرەخلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ھويلا - ئاراملىرىدا گۈل ئۆستۈرىدۇ، شۇڭا قىش پەسلىدىمۇ ھەممىلا جاي ياپ - يېشىلچىلىق بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.
پورتۇگاللارنىڭ ئىسىم فامىلىسى ئۈچ - تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. بىرىنچى، ئىككىچى بۆلىكى ئۆزىنىڭ ئىسىمى، ئاخىرىقى ئىككى بۆلىكى ئانىسى بىلەن ئاتىسىنىڭ فامىلىسى بولىدۇ، قىسقارتىپ ئاتىغاندا، ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوشۇپ ئاتايدۇ، بەزىدە ئانىسىنىڭ فامىلىسنى قوشۇپ ئاتايدىغانلارمۇ بار.