UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەررۇمىنىيىلىكلەر

رۇمىنىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر رۇمىنىيىلىكلەر رۇمىنىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <رۇمىنلار> دەپمۇ ئاتلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 19 مىليون 730 مىڭ. رۇمىنىيىلىكلەر مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 1.88 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى (120 مىڭ)، يۇگۇسلاۋىيە، ۋېنگرىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئارگېنتىنا قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر مىليونچە رۇمىنىيىلىك بار. ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليون 420 مىڭ. رۇمىنىيىلىكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالقان تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تىل تارمىقىغا تەۋە رۇمىن تىلىنىڭ بەش خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، 1960 - يىلدىن باشلاپ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئاھالىلىرىنىڭ كۆپى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا، ئاز قىسمى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ. رۇمىنىيىلىكلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، قىزىلچا، ئۈزۈم، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، چوشقا، قوي بېقىلىدۇ. سانائىتى نېفىت ئايرىش، ئېلېكتىر، پولات - تۆمۈر، ماشىنسازلىق، خىمىيە، ئاپتوموبىل سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. رۇمىنىيىلىكلەر قەدىمكى يەرلىك داكىيىلىكلەر بىلەن كېيىن كەلگەن رىملىقلار (لاتىنلار) نىڭ بىرلىشىشى، جۈملىدىن سىلاۋيانلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلىشىدىن شەكىللەنگەن مىللەتتۇر. رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولغان داكىيىلىكلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵئەسىردىن Ⅱ ئەسىرلەرگىچە كارپات تېغى ئەتراپى ۋە دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى داكىيە رايونىدا ياشاپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە داكىيە ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلغان، 106 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان. رىم ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان (107 - 272 - يىللار) مەزگىلىدە داكىيىلىكلەر رىملاشتۇرۇلۇپ، داكىيە رىملىقلىرىغا ئايلانغان. بۇ جايغا Ⅲ ئەسىردە گوتلار، ھۇنلار، ئاۋارلار، Ⅵ ئەسىرلەردە سىلاۋيانلارمۇ كۆچۈپ كىرگەن، Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەرگە كەلگەنە، رۇمىنىيىلىكلەر ئاساسەن شەكىللەنگەن. رۇمىنىيىلىكلەر بولكىنى ئاساسىي ئۇزۇق قىلىدۇ، سۈت مەھسۇلاتىلىرى بىلەن گۆشنىمۇ ئۆيدىم ئۆكسۈلدۈرمەيدۇ، ۋىنونى كۆپ ئىچىدۇ. رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى كەشتىلەنگەن، پاسونى خىلمۇ خىل بولۇشتىن ئىبارەت. ئەرلىرى ئۇچىسىغا پىلاش، قىسقا جۇۋا، تار پۇشقاقلىق ئىشتان، بېشىغا قۇلاقچا ياكى قالپاق كېيىپ، ئۈستىگە ئۇزۇن ئاق ياغلىق ئارتىۋالىدۇ. بىراق بۇ خىل كىيىم - كېچەكلەرنى ھازىر پەقەت ھېيت - بايرام ۋە سەھنىلەردىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئادەتتە كېيمەيدۇ. رۇمىنىيىلىكلەر قىز - يىگىتلەرنىڭ توي مەرىكىسىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ، ئەتراپتىكى كىشلەرنىڭ ھەننىۋاسى كېلىپ قاتنىشىدۇ، يىگىت بىلەن قىز بىر جۈپ مۇھەببەت كۆچىتى تىكىدۇ. رۇمىنىيىلىكلەر مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىش ۋە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشنى (ئاساسەن شەھەرلىرىدە) يولغا قويغان، بەزى جايلاردا مېكىيان ياكى خورازنى جەسەت بىلەن بىرگە ساندۇققا قاچىلاپ دەپنە قىلىدۇ. رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئەنئەنىۋى ھېيت - بايرىمى <جۇنى> (يىگىتلەر بايرىمى)، روژدېستۋو بايرىمى، پاسخا ۋە يېڭى يىل بايرىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا، ھەر يىلى 1 - مارت كۈنى باھارنى قارشى ئېلىش بايرىمى، ھەريىلى 6 - ئاينىڭ 21 - ياكى 22 - كۈنى ياز ئوتتۇرسى بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ. مەدەنىيەتلىك، ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇش - رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ بىر خىل گۈزەل ئەخلاقى. رۇمىنىيىلىكلەر ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، سالام بېرىپ ئەھۋال سورايدۇ، ئەل - ئاغىينىلەر قۇچاقلىشىپ كۆرىشىدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئۇچراشقاندا پېشانىسى ياكى مەڭزىگە سۆيۈشىدۇ. رۇمىنىيىلىكلەر ئاياللارغا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدۇ، قىزلارنىڭ يېشىنى سورىمايدۇ، ئەزىز مېمھانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە پەتنۇس بىلەن بولكا ۋە تۇز كەلتۈرىدۇ، مېھماننى ۋىنو، تاتلىق نازۇ - نېمەتلەر بىلەن كۈتىۋالىدۇ. رۇمىنىيىلىكلەر ئاق ئازغاننى، ئاق ئەتىرگۈلنى مىللەتنىڭ سىمۋولى، پاك - دىيانەتلىك ۋە ئالىيجاناپلىقنىڭ ئىسپاتى دەپ ھېسابلاپ قەدىرلەيدۇ، ئۇنى دۆلەت گۈلى قىلىدۇ. رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى گۈلدىن ئايرىلمايدۇ، ئۇلار كۆپ ھاللاردا گۈلنى سوۋغا - سالام سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر