UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئەرەبلەر

ئەرەبلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر <ئەرەبلەر> دېگەن بۇ ئۇقۇم ئاساسەن غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئەرەب ئەللىرى ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەرەب مىللەتلەر گۇرۇھىنى ياكى خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 200 مىليوندىن كۆپرەك، ئۇنىڭ 100 مىليوندىن كۆپرەكى ئافرىقىغا تارقالغان. ئەرەبلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، بىراق جەنۇبىي ئەرەبىستان يېرىم ئارىلى بىلەن شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەرەبلەر ئىچىدە نېگىر ئىرقى تەركىبىمۇ بار. ئەرەبلەر سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئەرەبلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ لېۋان، سۈرىيە،پەلەستىن ۋە ئىئوردانىيىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەبلەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى نېفىتلىكلەردە ئىشلەيدۇ. ئەرەبلەر ئەسلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىدۇچى ساملارنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى، مىلادىدىن ئىلگىرىلا ئىككى دەريا ۋادىسى (مېسوپوتامىيە)، سۈرىيە، مىسىر ۋە پەلەستىن قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ قەدىمكى ئاسسىرلار، ئەرەملەر(ئارامېيلار)، خانائانلار، فىنكىيلىكلەر، ئىبرېيلار (يەھۇدىيلار) قاتارلىق قەدىمكى قەبىلە - قوۋملار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار. ھازىر ئەرەبلەر نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالغاچقا، تۇرار جاي، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئەرەبلەر ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئىسلام دىنى قائىدە - يوسۇنلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇن، ئۆرپ - ئادەت، تىل - يېزىق، دىن، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن ئورتاقلىقنى شەكىللەندۈرگەن. ئەرەبلەر شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە. ئەرەبلەر ئىسلامىيەتتىن كېيىن قەدىمكى شەرق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان <ئەرەب مەدەنىيىتى> دەپ ئاتىلىدىغان شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان، بۇخىل مەدەنىيەت تار مەنىدىكى بىرلا ئەرەب مەدەنىيىتىگە ئەمەس، بەلكى كۆپ مىللەتكە خاس، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، تارىخشۇناسلىق، خەتتاتلىق، بىناكارلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئەرەب مىللەتلىرى خەلقى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب خەلقى ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭگۈشتەرى، قەدىمكى شەرىق خەلق ئېپوسىنىڭ جەۋھىرى بولغان <مىڭ بىر كېچە>(<ئەلف - لەيلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەرەب خەلقىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت غەزنسىگە قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. <مىڭ بىر كېچە> قەدىمكى شەرق ھېكايە - چۆچەكلىرىنى ئۆزىگە يىپ ئۇچى ۋە مۇقەددىمە قىلىپ، بىر مۇكەممەل ۋەقەلىكنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئەسەر Ⅹئەسىردە دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، Ⅹ
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئەرەبلەر | UyghurWiki | UyghurWiki