UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركىكۇيۇلار

كىكۇيۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كىكۇيۇلار <ئاكىكۇيۇلار>، <گىكۇيۇلار>، <ۋالىكۇيۇلار> قاتارلىق كۆپ خىل نام بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. كىكۇيۇلار كېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون 70 مىڭ. ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 21 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. كىكۇيۇلار قەدىمكى ئازانىيىلىكلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى شىمالىي بانتۇ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كىكۇيۇ تىلى بىلەن شەرقىي بانتۇ تىللىرى سۋاھلى تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار، بىر قىسىم ئاھالىلىرى ئىنگلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. كىكۇيۇلار ئاھالىسىنىڭ يېرىمى ئەنئەنىۋ ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. كىكۇيۇلار ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى ۋە قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن كۆممىقوناق، بانان، پۇرچاق ۋە قەھۋە ئۆستۈرىلىدۇ. كىكۇيۇلار ھازىر كېنىيىدىكى ئاساسلىق مىللەتلەر بىرى بولۇپ، ھاكىمىيەتتىكى مۇھىم ئەرباب ۋە سودا - سانائەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ مىللەتتىن كېلىپ چىققان. كىكۇيۇلارنىڭ يېزىلىرىدا قەبىلە تەشكىلاتلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئادەتتە ئاتاجەمەت بويىچە ۋارىسلىق تۈزۈمى ۋە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئۇغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ. كىكۇيۇلاردا ئاياللار ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا مۇئەييەن ھۇقۇق ۋە نوپۇزغا ئىگە.كىكۇيۇلارنىڭ نىكاھ، توي - تۆكۈن ئادەتلىرى ئۆزگىچە بولىدۇ، ئادەتتە يىگىت بىرەر قىزنى ياقتۇرۇپ قالسا، قىز تەرەپكە ئەلچى ئەۋەتىپ، قىز تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ، قىز تەرەپنىڭ چوڭلىرى قىزنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ، قىزنىڭ مەيلى بولسا، كەلگەن ئەلچىلەرگە جۈملىدىن يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەي تۇتىدۇ. مۇبادا قىز يىگىتنى ياقتۇرمىسا، مەي قۇيمايدۇ. كىكۇيۇلاردا قىزنى يۆتكەش كۈنىنى يىگىت تەرەپ بەلگىلەيدۇ، بۇنى قىزغا ھەرگىز ئېيتمايدۇ، كىكۇيۇلار كۆپ پەرزەنتىلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا ئەرلىرى ئادەتتە توي قىلىپ، ئايالى تۇغمىسا قويۇپ بېرىپ،تويلۇق مېلىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. كىكۇيۇلار مېيتنى ساندۇققا سېلىپ، كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ. كىكۇيۇلار ئەدەپ - قائىدىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆزئارا بىر - بىرىنى <قېرىنداش> دەپ ئاتايدۇ. ياش قورامى ئۇلاردا بىر ئادەمنىڭ سالاھىيتى ۋە ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم بەلگە ھېسابلىنىدۇ؛ شۇڭا ياشانغان، مويسىپىت كىشلەرنى ئالاھىدە ھۈرمەتلەيدۇ، كىكۇيۇلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا رىئايە قىلىدىغان پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. كىكۇيۇلار قەبرىستانلىق ئەتراپىغا ئۆي سالمايدۇ، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئاسمانغا قارىمايدۇ. بۇۋاق پۇتى بىلەن يەرگە چۈشسە، بالا - قازا تۇغۇلۇپتۇ دەپ، تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، قوش گېزەك بوۋاقلارنىمۇ ئائىلە، مىللەتكە قوش بالا كەلتۈرىدۇ دەپ شۇئان ئۆلتۈرىۋېتىدۇ ۋە باشقىلار.كىكۇيۇلار يات ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ھۇجرىسىغا بىسوراق كىرىشىنى يامان كۆرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر